دادامغا خەت - مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)  

  دادامغا خەت
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
 
دادا
كەچۈر بۈگۈن يىغلىدى ئوغلۇڭ.
ئاپلا...
يىغلىغىنىمنى دىمەيتىم ساڭا،
يىغلىسام ئۇراتتىڭ بولدى بەس دەپ.
بۈگۈن
پەقەت مۇشۇ بىرلا رەت ئۇرمىغىن داد.
يىغلىغىلى قوي
بىرلا قېتىم ئېتىكىڭنى بېرىپ تۇر ماڭا.
كىچىكىمدە
ئوغۇل بالا يىمىگەنگە ئۆلمەيدۇ دەيتىڭ،
بىر ئېغىز گەپنى دىمىگەنگە ئۆلمەيدۇ دەيتىڭ.
يىمىگەنگە ئۆلمۈدۈم راس گەپكەن دادا.
ئەمما مەن
بەكلا بەڭۋاش،بەكلا نادانمەن.
دىمىگەنگە ئۆلمەيدىغان گەپنى دىدىم.
ئاخىر دىگەنگە ئۆلدۈم،
ئۆزۈمگە قىلدىم.
...
ھە راس دادا
ئېسىڭدە يوق دەپ سالمىغىن ئانامغا،
چۈنكى ئانام...
سەن ماڭا چىدىمغاندەك،
مەن شۇ بىر ئېغىز گەپنى،
دىمىسەم چىدىيالمىغاندەك،
ئانام ماڭا ئەسلا چىدىمايدۇ.
يىغلاپتۇ دەپ ئاڭلىسا سەندىن،
ئانام مەندىن ئۆتە يىغلايدۇ.
سەن ئەزەلدىن
ئانامنىڭ،
مېنىڭ،
يىغلىشىمىزنى خالىمايسەن جېنىم دادا،
پەقەت ۋە پەقەت
بۇ قېتىم يىغلىغىلى رۇخسەت قىل ماڭا.
...
توغرا دادا
سەن مېنى پۇلدىن قىسمىدىڭ،
ناندىن قىسمىدىڭ،
ھەتتا مەندىن ئايىمايسەن جېنىڭنى.
لىكىن
ھازىر مەن سەندىن يىراقتا،
شۇ ۋەجىدىن
يۈرەك پارەڭ مۇساپىرلىقتا،
ئازراق مىھىردىن دائىم قىسىلدى.
...
مەيلى ياشلىق دە، مەيلى بەڭۋاشلىق.
ھەممە ئارمىنىمنى قاندۇرۇپ كەلدىڭ،
بۈگۈن ئوغلۇڭ بولدى كۆز ياشلىق.
بەلكىم يىغلىسام
تىنار بۇ كۆڭلۈم،
تىنچار بۇ دىلىم.
شۇڭا
بۈگۈن قاتتىق يىغلىدى ئوغلۇڭ.
ئىشەن دادا
كىچىكىمدىكىدەك،
يىقىلسام كۈلۈپ قوپقاندەك.
يەنە ئالدىڭغا كۈلۈپ بارىمەن.
ئەمما بۈگۈن يىغلىدىم بىر پەس...
 

     





136 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)   ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-20 23:57:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-27 20:01:40 abdulla
esill
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ