بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك
*
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
*
بۇ قىسقا بىر ھايات ئىچىدە ،
مەڭگۈ ياشاش بولمىسا كېرەك .
باشلىنىدۇ مەڭگۈلۈك ھايات ،
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
ئۆلۈم شۇ چاغ كىلەر يۈزلىنىپ ،
پۇت-قوللىرىڭ كىتەر تۈزلىنىپ .
ئۆلۈم بۆشۈك ، ئادەم بۆلىنىپ ،
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
ئۈلگۈرمەيسەن پۇشايمانغا ھەم ،
ياكى تەۋبە كۆز-ياشلارغا ھەم .
بىرەلمەيدۇ ھىچ كىشى ياردەم ،
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
ئەسقاتمايدۇ مال-مۈلۈك دۇنيا ،
مەيلى بولسۇن شۆھرىتىڭ زىيا .
قۇرۇغان شاخ بولىسەن گويا ،
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
قارىمايدۇ نەسەپلىرىڭگە ،
ياكى شۆھرەت مەنسەپلىرىڭگە .
قارار پەقەت ئەمەللىرىڭگە ،
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
ئەمەل دەپتەر كىتەر يىپىلىپ ،
ھايات يولى تامام ئىتىلىپ .
ئۇ ئالەمگە ئىشىك ئىچىلىپ .
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
ئۆلمىسەمكەن دىگىنىڭ بىكار ،
قاچالمايسەن ھىچ يەرگە زىنھار .
بىر دۇئاغا بولىسەن زار - زار ،
بىر سوقۇشتىن توختىسا يۈرەك .
*
2016.10.16.كۈنى . بىيجىڭ
| 90 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-18 12:16:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|