سېھىرلىك تامچىلار

سېھىرلىك تامچىلار

 

(شەبنەم ئىجادىيىتى)

   

     بىلمىدىم بۇ كۆزلەرگە بۈگۈن كەلكۈن كەلدىمۇ ۋە ياكى قايغۇلۇق ئەلەم كەلدىمۇ؟مەيلى قانچىلىك دەرد-ئەلەم كەلسۇن شەھلا كۆزلەرگە كەلكۈننىڭ نە ھاجىتى؟! كەلكۈن ئادەتتە دەريا-دېڭىزلارغا كېلەتتى،  بەزىدە ھەتتا دولقۇنلاپ تاشقىن بولاتتى. لىكىن بۈگۈنكى بۇ كەلكۈن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇ گوياكى پارتىلاپ چىققان ۋولقانغا ئوخشايدۇ. توغرا، دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئۇ پارتىلاپ چىقىش بىلەن تەڭ قەلبىمدىكى ئۇزۇندىن بۇيان يىغىلىپ قالغان ئازاپلارمۇ پاڭڭىدە قىلىپ ئېتىلىپ چىقىدۇ-دە،كۆزلىرىمگە ئۇزۇندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قايغۇ-مۇڭلارنى بىللە يۇيۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. ئاندىن مەڭزىمنى بويلاپ ئاستاغىنە سىرغىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. يەنە شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن ۋاقىتتىن بېرى چىرايىمدىكى كۈلكە ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان باشقىلارغا ئاشكارلاشقا مۇمكىن بولمىغان ئازاپلىرىمنى قوشۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.   

    شۇنىڭدىن كىيىن خۇددى يامغۇردىن كېيىن ھەسەن-ھۈسەن چىققانغا ئوخشاش ، مېنىڭ كەيپىياتىمدىمۇ ئاز-تولا ياخشىلىنىش بولىدۇ. خۇددى ئاسماندىن شىپالىق يامغۇر يېغىپ زىمىندىكى چاڭ-توزانلارنى بېسىقتۇرغانغا ئوخشاش، يىپى ئۈزۈلمەس مارجانغا ئوخشاش مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشكەن كۆز ياشلىرىم ۋۇجۇدىمدىكى ئازاپلىرىمنى ئازراق بولسىمۇ تىنجىتىشقا ياردىمى بولىدۇ. شۇندىلا مەن ئاستا-ئاستا،ئاستا-ئاستا ھوشىغا كەلگەن بىمارغا ئوخشاش قايتىدىن ئۆزۈمگەكېلىشكە باشلايمەن.

    ئەي سېھىرلىك تامچىلار ،سىلەر نېمىدىگەن سېھىرلىك ھە! بىردەمدىلا قەلبىمدىكى، كۆزلىرىمدىكى، چىرايىمدىكى مۇڭ-ئازاپلارنى يۇيۇپ تازلىۋەتتىڭلار. سىلەر ئەسلى مېنىڭ قىممەتلىك مەرۋايىتلىرىم ئىدىڭلار، ھېلىھەم شۇنداق سىلەر  ،شۇڭا مەن سىلەرنى باشقىلارغا كۆرسەتمەيمەن. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قالغاندىلا ئاندىن سىلەرنى يوشۇرۇپ قويغان جايدىن ئېلىپ پۇخادىن چىققۇچە تاماشا قىلىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ پىخسىقلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىڭلاردا. ئەي گۈزەل تامچىلار، بولدى ئەمدى توختاپ قېلىڭلار. خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى مۇنبەت تۇپراقتا يېڭى گۈل-گىياھلار ئۈنۈپ چىققانغا ئوخشاش، مېنىڭ قەلىب ئېتىزىمدىمۇ يېڭى گىياھلار ئۈنۈپ چىقىپ قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولسۇن! كۆزلىرىم نۇرلىنىپ ،چىرايىمدا بەخىت تۇيغۇسى جىلۋىلەنسۇن!    

                          

 ----شەبنەم

 2014.يىل 12.ماي جېجىياڭ





370 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-12 2:19:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ