نەدە سىز قىزىم (نەسىر)
ماھېنۇر ئابدۇرھېم
سېنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىڭ پۈتۈن ئائىلىمىزنى شۇنچىلىك خۇش قىلغان قىزم ،بولۇپمۇ داداڭ سىنى قولىدىن چۈشۈرمەيتى ساڭا قاراپ-قاراپ تويمايتى.سىنى ھىچبىرسىگە تۇتقۇزغىسى كەلمىگەندەك چىڭ قۇچاقلاپ ساڭا پۈتۈن مىھرىنى بەرگەن ئىدى .مانا سىنىڭ يەسلى يېشىڭ ،داداڭ سىنى ھەر كۈنى مەيلى ئىسسىق مەيلى سوغۇق بولسۇن قىلچە ۋايسىماي يەسلىگە توشۇيتى ،كەچلىرى سىنىڭدىن -بۈگۈن نىمە يىدىڭىز قىزىم؟ -موئەللىمىڭىز نىمىلەرنى ئۈگەتتى؟ دىگەندەك تۈگىمەس سوئاللارنى سورايتى. سىزمۇ شۇنچىلىك چۈچۈك ىللىرىڭىز بىلەن جاۋاپ بىرەتتىڭىز ، پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت ھاردۇغىمىز سىزنىڭ تاتلىق سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاش،تېلىقىپ كۈلۈغ بىلەن چىقىپ كىتەتتى ،سىز بەك بەك ئەقىللىق ئىدىڭىز قىزىم ،مەيلى يەسلىدە بولسۇن مەيلى تىلىۋىزوردىن بولسۇن بىرلا كۆرگەننى دوراپ ئۈگىنىۋالاتتىڭىز،قىلىقلىرىڭىز شۇنچىلىك ،تاتلىق ئىدىكى ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلاتتى .بىز سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتۇقكى بۇ ھىسياتىمىزنى ئىپادىلەشكە تولىمۇ ئاجىز ئىدۇق.
سىزنى سۆيەتتۇق ،باغرىمىزغا باساتتۇق ،سىزدىن ئايرىلىشنى ئەسلا خىيالمۇ قىلالماتۇق قىزىم .سىز يۈتۈپ كەتكەن يىلىدىكى بالىلار بايرىمىدا سىز ئوقۇتقۇچىڭىز ئۈگەتكەن ناخشا بىلەن ئۇسۇلنى تەڭ ئويناپ پۈتۈن سەھنە ئاستىدىكىلەرنى تاڭ قالدۇرغان ئىدىڭىز قىزىم ،بىز سىزدىن پەخىرلەنگەن ،قىزىمىز ئەجەپمۇ ئەققىللىق ھە!دەپ ماختانغانمۇ بولدۇق.
ئەمما بشىمىزدا شۇنچىلىك قاباھەتلىك قارا سايىنىڭ چۆگلەۋاتقىنىنى بىلمەي يۈرۈپتۇق قىزىم .قايسى قارا نىيەت سىزگى ئېبلىس قولىنى سۇندى بىلمەيمىز ،بىز سىزدىن ئۆزىمىزمۇ تۇيماي ئايرىلىپ قالدۇق قىزىم . -سىز نەدە ھاياتمۇ سىز قىزىم ؟ بىزنى سېغىنغانسىز ،بىزگە مۇھتاج بولىۋاتقانسىز ھە ؟ قىزىم ،ئەمما يىنىڭىزدا بىز يوق ،يۈرەك پارەم قىزىم ئاچ قالغانسىزمۇ؟ سىز نەدە ؟ھەر كۈنى ۋە تۈنى سىزنى ئىزدەۋاتىمىز، سىزنى تاپالمايۋاتىمىز قىزىم ،-سىز زادى نەدە؟ئەي ئادەم بىدىكلىرى بالامنى بىرىڭلار بارىمنى ئىلىڭلار !قىزىم غەيرەتلىك بولۇڭ بىز سىزنى چوقۇم تاپىمىز ئاقكۆڭۈل كىشىلەر يىنىمىزدا .
76 قېتىم كۆرۈلدى | aziza | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-25 21:48:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|