چاي-سېغىنىش - ســــەۋدا

 چاي-سېغىنىش
(ســــەۋدا)
پەرۋايىم يوق سىرتلار سوغۇق يامغۇر ياغسىمۇ،
كۆڭۈل خۇشۇم ئىچىشىمگە چېيىم بار ئىسسىق.
تاماشا قىلىپ ئولتۇرىمەن سىرتنى مۇشۇ دەم،
يىراقــلارغا ئۇچــتى خىــيال قاچـقىنى ئېــنىق.

سېغىنىشنىڭ كۈچلۈك ھېدى  كېلىدۇ چايدىن،
ئاشۇ تۇرمۇش ئاشۇ جاينى ئەسلىدىم قاتتىق.
قەنت چاي ئەمەس بىر پىيالە لاي سۇ بەرسىمۇ،
زەم-زەم دەيمەن تىللىرىمغا تېتىيدۇ تاتلىق.

قېنـىق چايـنى يەنە ئىچـتىم قايتىدىن لىقلاپ،
ھېسلىرىمنى ئويغىتىدۇ ئۇندىكى قىرتاقلىق.
تەلمۈرگىنىم ئانام ئەتكەن شۇ مىزلىك تاماق،
تىگىشمەيمەن بەرسىمۇ گەر ماڭا پادىشاھلىق.

     





91 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-7 13:45:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ