تاشلاپ كېتىمەن - مەمەتجان

تاشلاپ كېتىمەن
مەمەتجان باش كارۋان

كېتەي مەن قالغىنا جاھاندارچىلىق،
تويدۇم پايپېتەكلىك تۇرمۇشىڭغا مەن.
تاپمىدىم خۇشھاللىق ۋەيا مەمنۇنلۇق،
نە قىلاي قىسمەتلىرىڭگە كۆنمەس تەن.

تۇرمۇش دەيدۇ تۇرغۇزۇپلا سالۇرمەن،
مەن دەيمەن سېنى تەرتىپكە سالۇرمەن.
دەتالاش يا ئۇ يېڭەلمەيدۇ مېنى،
قانداقمۇ نۆل كەبى قاراپ تۇرۇرمەن.

خوش دەيمەن تۇرمۇش پۈچەكلىرىگىمۇ،
نە قىلاي ساق بېشىمنى ساراڭ قىلىپ.
يا ئۇلاردىن كەلمەيدىكەن چىن مېھىر،
يەتتى يۈرەككە زار زەھەردەك تىلىپ.
     





126 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-9 22:01:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ