مەن كىم - ​ ئابدۇسالام ۋولقان

مەن كىم 
 ئابدۇسالام ۋولقان


بىر سوئال يۈرەگىمدە تىپىرلايدۇ، 
سەن كىم دەپ قۇلاقلارغا پىچىرلايدۇ.
مەن كىم ئېچىلماس سىرمۇ قانداق،
ئىزدەيمەن جاۋابى ھېچ تېپىلمايدۇ.

دېڭىزلارغا شۇڭغىدۇم غەۋۋاس بولۇپ،

كۆكتىمۇ ئۇچتۇم بىر غاز بولۇپ.
مەن كىم ئېچىلماس سىرمۇ قانداق،

كەتتى 18 قىشمۇ ياز بولۇپ. 

سەن كىم؟ئويلايمەن مەن كىم؟
تېپىلماي جاۋاب يىغلايدۇ يۈرىكىم. 

مەن كىم ئېچىلماس سىرمۇ قانداق،
جاۋاب تاپماق بولماسمۇ مۇمكىن.

قويىمەن سوئال مەن كىم؟ 

تاپىمەن جاۋاب مەن كىم؟
ئۆزۈمنى ئادەم دېيەلمەسمەن،
ئادەم ياكى مەخلۇق بولۇشۇم مۇمكىن.
     





124 قېتىم كۆرۈلدى wolkan11 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-7 18:11:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ