ھاياتقا ئىمكان بەرگەن ئانام

         ‏       ھاياتقا ئىمكان بەرگەن ئانام

        ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

مەن تۇغۇلۇپ شۇكەمگچە،زوقلۇنۇپ دەيتتى ئانام،
ئىززتىڭ ئىكرام بىلەن،ئسمڭنى ئۇز قويغان ئاتاڭ.
شاھانە-شاھ سۇلتان بالام ئامىتم (ئوسمان)بالام،
تۈن كچە تولغاق تۇتۇپ،تۇغۇلغانتڭ ئاتقاندا تاڭ.

ئاخۇنۇم ئيتقانغا كۆنمەي،كالامۇللادىن ئاختۇرۇپ،
(تۆت چارى قۇل)نىڭ نامېن ئاتاپ قويغان ئاتاڭ.
بشڭ يوغان يۇرتۇمغاخان،ئشلرىڭ بولغاي ئاسان،
شەۋكتېڭ قۇچقاندا شان،مىڭ رىزاسەندىن ئاناڭ.

ھەر ينڭدا مەن بارىمەن،كەل قوزام سەكپارىمەن،
بىر سەن ئۈچۈن قۇربانىمەن،بارلغنى ئاتار ئاناڭ.
يتلپ ساغلام-تىمەن،تەمشەلسەڭ ئۇچماق بولوپ،
تەرەددۇت قانات ئۈچۈن،بار بىساتېن ساتار ئاتاڭ.

ئۇئانام،جنمغا-جان،ھاياتقا ئمكان بەرگەن ئانام،
قەلبى گۈلخان،مھرىبان،كۆڭلى گۇيائاسمان ئانام.
ئۆي،بالام دەپ تنىم تاپماي،دەقىقمۇ ئارام ئالماي،
ئاقۋەتتە ئامان قالماي،ھەقدارىدىن قالغان ئانام.

 2017-يىلى13-ئىيون گۇما (قارىتاغىز)
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






61 قېتىم كۆرۈلدى bodak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-13 11:20:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ