قىزلارغا نەسىھەت
يازغۇچى: دىيانەت
ساڭا قىلســام نەسـىھەت ئەخـلاقىڭ بىلەن،
سۈيۈملۈك بۇپ دۇنيـادا ياشىغىن قىزچاق.
شەرمى-ھايا ئەدەپىـڭ لىباسـىڭ بولسۇن،
شەيتىنىڭنىڭ ئارقىدىن ماڭمىغىن قىزچاق.
ماختاپ قويـسا بەزىـلەر قىلتـــاقنى قۇرۇپ،
خۇشال بۇلۇپ ئاسماندا ئۇچمىغىن قىزچان.
جەمىئەتتــە ياخــشى ۋە تۈلكــىلەرمۇ كۆپ،
قىلـتىقـىغا تۈلكــىنىڭ چۈشمىـگىن قىزچاق.
مىللىتىمنىڭ ئانىسى گۈل-غۇنچىسى سەن،
ئېچىلماستــىن بىر گۈلۈڭ تۇزۇلما قىزچاق.
سەن بۇزۇلــساڭ مىللــەتمۇ بۇزۇلار شۇئان،
دۇئا قىــلاي ئــۆتـــۈنـــەي بۇزۇلما قىزچاق.
گۈلدەك ياشلىق باھارىڭ بولمىسۇن خازان،
يامانلاردىن يىراق تۇر ئاگاھ بــول قىزچاق.
چىڭ ساقلىـغىن ئىپپىتـىڭ بولمىسۇن ئەزان.
تىلەي ساڭا ھەردائىــم ئامــان بول قىزچاق.
ئەركەكلەرنىڭ دۇئاسى يار بولســـۇن ساڭا،
بەخىتلىك بول خارلانما ئامان بول قىزچاق.
تامام قىلســــام ئاڭلىغىن ئاخىرقى سۈزۈم،
يامانلاردىن يىراق تۇر ئاگـــاھ بول قىزچاق.
ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ
2016-12-14 كورلا
310 قېتىم كۆرۈلدى | DiyanaT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 13:31:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|