يېڭى يىل ۋە دوستلارغا مەدھىيە
مەتتۇردى يۈسۈپ
ۋاقىت يانغان چاقماقتەك تىز- تىز ئۆتمەكتە،
ئالدىمىزدا يېڭى يىل بىزنى كۈتمەكتە .
كۈنلەر ئۆتۈپ ئاي ئۆتۈپ ئايلىنىپ يىللار ،
شۇ قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئېلىپ كەتمەكتە .
كونا يىلدا ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدى
خۇشاللىق ۋە ئازابلار بىزگە يار بولدى
ئېغىر كۈنلەر بەزىدە قىينىسا بىزنى
كۆپ ھاللاردا كۈنلىرىمىز كۈلكىگە تولدى
يېڭى يىلدا ئۆزئارا تىلەشتۇق تىلەك،
مىھىرلەردىن سۇ ئىچىپ قانغاي بۇ يۈرەك.
يېڭى يىلغا سۆرەپ كىرمەي ئاداۋەتلەرنى،
ئۆتسەك دەيمەن ئۆزئارا كولاشماي ئۇرەك .
ئېغىر كۈنلەر چۈشكەن چاغدا بېشىڭغا ،
چىن دوست ھەم چىن تۇققىنىڭ كىلەر ئىكەن قېشىڭغا .
سىنىلاركەن ئۇرۇق تۇققان دوست يارەن ،
پەرۋا قىلماي يۈرگەنلەر كۆز يېشىڭغا .
يېقىنىم دەپ بىلگەنلەر يۈرەر كارى يوق .
ناتۇنۇشلار سەن ئۈچۈن يۈگرەپ ھالى يوق ،
ئىشەنچىڭدىن قالار ئىكەن سەن ئىشەنگەنلەر .
بىرەر قېتىم تىلفۇنى يا ئۈندىدارى يوق ،
دوست يارەنلەر ئۆزئارا مىھرىبان بولسا .
مىھرىلەردىن كۆڭۈللەر شاتلىققا تولسا ،
نامەردلەر ھەم كىبىرلىك شەخسىيەتچىلەر.
يېڭى يىلدا بۇ كىسەلدىن تىزراق قۇتۇلسا ،
يېڭى كەلگەن يىلىمىزغا مۇبارەك بولسۇن،
ھەربىر ئۆتكەن كۈنىمىز شاتلىققا تولسۇن .
يېڭى يىلدا يىڭىچە خۇشاللىق بولسۇن،
ساغلام بولسۇن تىنىمىز سالامەت بولسۇن!
ئاددى بولسىمۇ يېڭى يىلىڭلارنى تەبركلەپ يازدىم
UM!DW@Rئۈمىدۋار
2015-12-31 ئۈرۈمچى