قىرىنداش (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 قىرىنداش

 تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)


قېرىندىشىڭ قېرىنداش،ساڭا ھەمرا پىكىرداش،
بىر نان تاپسا تەڭ يەيدۇ،تارتىۋالماي قېرىنداش.
ئۇزۇن ئۆمۈر،ساقلىقنى، تىلەر دائىم قېرىنداش،
گۈل تۇتىدۇ يولۇڭغا،سەپەر قىلساڭ قېرىنداش.

كېچىلىرى  ئۇخلىماي،غېمىڭ قىلار قېرىنداش،
بەخت  تىلەپ ھەر دائىم،ئۇخلىمايدۇ قېرىنداش.
ساڭا  ئازاب،دەرت  كەلسە،چىدىمايدۇ قېرىنداش،
قەدىرلىگىن ھەر دائىم،سېنىڭ باغرىڭ قېرىنداش.

كېتىپ قالساڭ  بىر كۈنى،تەڭ تۈگىشەر قېرىنداش،
بېرىپ  قەبرەڭ  بېشىغا،گۈل  تىكىدۇ  قېرىنداش.
چۈشەپ قالسا  ناۋادا،يىغلاپ  كېتەر قېرىنداش،
قولى بارماي ئىشىغا،ئازابلىنار قېرىنداش.
                    





1263 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 17:56:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-7 2:28:13 نۇرسىمانگۇل
ناھايىتى مەزمۇنلۇق ياخشى يىزىلىپتۇ
2017-3-7 2:02:25 رەنا
ياخشى مەزمۇن ئىكەن.
2017-3-6 14:28:24 ئەخمەت
بۇ شېئىر ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ،قېرىنداشلىق مىھرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇلۇپيۇ.
2017-3-6 8:02:08 ئاينۇر
ئىجادىيتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ