ئامرىقىمغا
گۈلزىرە مەخمۇت
قەلەمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ، ساڭىلا خەت يېزىشنى ئويلايمەن ؛ يانفونۇمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ، پەقەت ساڭىلا تېلىفون قىلىشنى ئويلايمەن . بىراق ، ئۇنداق قىلالمايمەن ، ئامالسىزمەن ! نېمىشقا دەمسەن ؟ چۈنكى سەن ھەممىدىن خەۋەرسىز ! سېنى ئەسلا ئاۋارە قىلغۇم يوق ، ھاياتىڭغا تۇيۇقسىز كىرىپ قويۇپ ، گاڭگىراپ - تەمتىرەپ يۈرۈشنى ئەسلا خالىمايمەن !
ساڭا دەيدىغان سۆزلىرىم شۇنچىلىك جىق !خۇشال بولسام ، ساڭا خۇشاللىقىمنى يەتكۈزۈشنى ئويلايمەن ؛ كۆڭلۈم يېرىم بولسا ، يەنىلا سېنى ئىزدەشنى ئويلايمەن ، ساڭىلا دېيىشنى خالايمەن . سېنى شۇنچىلىك ئىزدىگۈم كېلىدۇ ، شۇنچىلىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن سېنىڭ سىمايىڭنى ئىزدەيمەن ، بىراق سېنى تاپالمىدىم !
سېنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دەپ تونۇش كوچىلاردىن ئايلىنىپ ماڭىمەن بەزى چاغلاردا . لېكىن سېنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . ئەجىبا تەقدىرىمىزدە ئۇچرىشالماسلىق پۈتۈلۈپ كەتكەنمىدۇ ؟
بۈگۈن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم . سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ، بەزى ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى باشقىلارغا ئويۇن قاتارىدا كۆرسىتىپ كۆڭلىنى ئېچىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ مەيۈسلەندىم . سەنغۇ دېگەن ئىدىڭ ، ئادەملەر بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ ، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەن ، دەپ . لېكىن ئويلاپ قالدىم ، ئاشۇ بەزىبىر كىشىلەر قانداق ئويلايدىغاندۇر ؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلى ئۈستىگە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى قۇرىدۇ ؟.....
‹بۇ ئۆتنە جاھان › دېگەن ئىدىڭ . شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، باشقىلارنى ئارقىدىن زاڭلىق قىلىپ كۈلگەنلەر ھامان بىر كۈنى ئۆزى باشقىلارنىڭ مازاق قىلىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
سېنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى . بىراق كۆرەلمەيمەن . سېنى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمايمەن . نېمىشقا ؟ سېنى راستىنلا ئاۋارە قىلغۇم يوق ! يىراقلاردا تۇرۇپ سېنىڭ بەختىڭنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلايمەن ! سۆيگەن ئادىمىنىڭ بەختىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت !.....
سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم بار . ئەپسۇس ، ئاڭلىيالمايمەن ! كىملەرگە يۇمۇر سۆزلەپ ، كىملەرنى كۈلدۈرىۋاتقانسەن شۇ تاپتا ؟ سېنىڭ كۈلكەڭنى سېغىندىم ! ئاشۇ سەمىمىي ، ساپ كۈلكەڭنى شۇنداق سېغىندىم ! سېنىڭ ھەممە ئىشنى كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋېتىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن ، ئاشۇ كۈلكەڭنىڭ ئارقىسىغا قانچىلىغان دەرد - ئەلەملەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھەم بىلىمەن ! سەن شۇنداق ئادەم ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالمىسۇن ، ئازار بەرمەي دەپ ئويلايدىغان . مەنمۇ شۇنداق بولۇشنى ئويلايمەنۇ ، بىراق ئۇنداق قىلىپ بولالمىدىم . چۈنكى بەزى كىشىلەر سېنىڭ قىلغىنىڭنى ئەسلا بىلمەيدۇ . ئۇنداق كىشىلەردە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يوق ، سەن ئۆزۈڭنى قۇربان قىلساڭمۇ ، ئۇلار يەنىلا شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ .
مۇھەببەت شەخسىيەتچى بولىدۇ ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم تولىمۇ شەخسىيەتچى ، سېنى مېنىڭ بولسىكەن دەپ ئويلايمەن ، باشقىلار ماڭا ئارتۇقچە ! ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇلارنى ساڭا دېيەلمەيمەن . قانداق قىلاي ، ئامالسىزمەن ! شۇ پەقەت يىراقلاردا تۇرۇپ ساڭا بەخت تىلەيمەن ! ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنى ئەسلىگىنىمدە ، ئاشۇنداق مۇھەببىتىم بار ئىدى ، ئۇ بەختلىك ئىدى دەپ ئېيتالايدىغان.....خۇشال ئۆتكىن ، ئامرىقىم !
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2016-يىلى 10ـئاينىڭ 20ـكۈنى
| 189 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-20 0:54:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|