بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

نەسىر

 

ئوماقلار سۇلتانلىقىنىڭ پەرىشتىسى سىڭلىم ئەلفىرەنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىگە تەقدىم

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – سۈرەتىكى شۇ چىھرىڭ بىلەن ، ئوماق قىلىقلىرىڭ بىلەن ئالدىمدا زاھىر بولماقتا سەن . سەبىي كۈلكەڭ بىلەن جىمىي دىللارغا خۇشالىق ئۇرۇقلىرىنى چاچماقتا سەن . مەسۇم قەلبىدىن ساپلىق ، ھۇجۇدىدىن پاكلىق ، چىھرىدىن گۆدەكلەرچە بالىلىق چىقىپ تۇرىدىغان ، كۆڭلىنىڭ قار كەبىي ئاقلىقى بىلەن ھەمىنى پەخىرلەندۈرگەن  ، پەخىرلەندۈرۋاتقان  تاتلىق سىڭلىم ، شۇ تاپتا ھۇجۇدۇم خۇشالىق تەنتەنىسىگە جۆر بولماقتا . چۈنكى بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭ !!!

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان  كۈنۈڭ – جىمىي مەۋجۇدات ئويقىدىن ئويغانغاندەك سەنمۇ دەل مۇشۇ كۈندە تەڭرىنىڭ ھىنايىتى بىلەن دۇنياغا تەۋەللۇت بولدۇڭ ! سېنىڭ تەئەلۇتۇڭ بىلەن جاھان زىناقلىرىغا يىڭى بىر غۇنچە قوشۇلغان . ھەممە جاھان ئەھلى سېنىڭ مۇمۇبارەك قەدىمىڭگە مىھىر پاياندازلىرىنى سىلىپ ، ئىللىق باغرى بىلەن سېنى قارشى ئالغان !

  بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – 14 يىل ئىلگىركى مۇشۇ كۈندە سەن ئوتلۇق قەدەملىرىڭ بىلەن « ئىڭە » دىگەن يىغاڭ بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ ھەر بىر تىنىقىڭ جىمىي ئادەمگە خۇشالىق بىغىشلاپ كەلگەن بولسا ، ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىڭ كۈرەكلەرنى ئويناتقان . تەمتۈم مىڭىشلىرىڭ كۈلكىلەرنى ئويغاتقان بولسا ، تاتلىق بىقىشلىرىڭ قەلىپلەرنى ياشناتقان !

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – سېنىڭ تۇغىلىشىڭ بىلەن جاھان كۈلگەن . بۇلبۇللار قانات قىقىپ ، كاكۇكلار خەندان ئۇرغان ئىشبۇ مىنۇتلاردا تۇغۇلغان سەن ھەمىگە ئىللىق سىزىم ئاتا قىلىپ قەلىب خۇشالىقلىرىغا شەيدا بولغان ! مانا ، 14 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنمۇ ھەممە كۈلمەتە ، چۈنكى بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ !

 

قۇتلۇق بولسۇن تۇغۇلغان كۈنۈڭ

مۇبارەك بولسۇن ئاناڭغىمۇ ھەم

ياشىغىن خۇش پۇراق چېچىپ ئەتراپقا

شۇندىلا مەنزىلگە يىتىسەن بىغەم

 

قۇتلۇق بولسۇن تۇغۇلغان كۈنۈڭ

قەدىرلە ھەربىر كۈن ياشلىق چېغىڭنى

خۇشاللىق يار بولسۇن ئۆمۈرلۈك ساڭا

گۈللەرگە ئورىغىن شادلىق بېغىڭنى

 

قۇتلۇق بولسۇن جانىجان سىڭلىم

بوپتۇ بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ

تىلىكم شۇ مېنىڭ  ، سالامەت بولغىن

شۇندىلا ھەر كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈڭ

 

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – مەن بىلىمەن ، ھىس قىلالايمەن . گەرچە سەن تۇغۇلغىنىڭدا مەن يىنىڭدا بولمىساممۇ سەندەك پەرىشتىنىڭ تۇغۇلغىنىنى كۆرگەن ئاتا – ئاناڭنىڭ خۇشالىق ياشلىرى سېنىڭ مەڭزىڭنى نەمدىگەن ، خۇشلالىقىدا تاتلىقىنە سۆيۈشلىرى يۈرۈكىڭنى ئىلىتقان . « قوزام » دەپ تۇنجى رەت چاقىرىشلىرى يۈرىكىڭگە مۈھۈر بولۇپ ئۇرۇلغان !!!

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – سەن تۇغۇلغان شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلىگە يەنە بىر خۇشالىق قوشۇلغان . سېنىڭ ھەر بىر يىغاڭدىن باشلاپ كۈلكەڭگىچە ، ئۆمىلەشلىرىڭدىن باشلاپ ئۇياق – بۇياققا سوقۇلۇپ تەمتۈم مىڭىشلىرىڭغىچە ، ئويچان قاراشلىرىڭدىن باشلاپ تاتلىق سۆزلىرىڭگىچە ، ئىشقىلىپ سېنىڭ تىنىقىڭدىن باشلاپ پۈتكۈل جىسمىڭ ئائىلىگە خۇشالىق ئاتا قىلغان .

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – قارا خۇشلىقىڭنى . سۈرەتلىرىڭدىن ، سەبىي كۈلكۈڭدىن يۈرىكىڭدىكى خوشلىقىڭنى بىلىۋاتىمەن . چىھرىڭدىن بالقىغان شۇ شوخ كۈلكەڭ يۈرۈكۈمنى ياشناتتى ، تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتتى . كۈزەلىكىڭگە ياراشقان شۇ بالىلارچە تەبەسسۇمۇڭ بىلەن مىھىر گۈزەلىكىڭ قوشۇلۇپ كۆڭۈل قەسىدەڭنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ .

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ – سىڭلىم ، يارىتىلغان كۈنىڭنىڭنىڭ ئەسلىمىسى بولغان بۈگۈنگە مۇبارەك بولسۇن . شۇنچىلىك غۇبارسىز ، پاك ، مىھىرلىك قەلبىڭىز كۈلكىڭىزگە تەشنا بارلىق قەلىبلەرنىڭ مىھرى بىلەن ئالەمچە شادلانسۇن . شۇ ئوماق ، تاتلىق كۈلكىڭىز ئەبەدىي ياڭىسۇن !!

ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەىتەر)

ئۈندىدار : 2041420589

2017- يىلى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى . ئۈرۈمچى 

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!


     


     





157 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-19 22:22:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ