مېنى يۇقلاپ كىلەلمىدىڭمۇ
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
بىمار بولدۇم خەۋەرسىزمۇ سەن ،
يا خەۋەردار يۇردۇڭمۇ بىغەم ؟
ئۇزاق ياتتىم بالنېستا يالغۇز.
جىن چاپلاشتى تىنىمغا ئەركەم ،
كىلىدۇ دەپ ساقلىدىم ئەركەم ،
مېنى يۇقلاپ كىلەلمىدىڭمۇ ؟
كۈتتۈم سېنى باھاردا ، قىشتا ،
ساقلىغانلىرىم بىلەلمىدىڭمۇ.
مەن ساقلايمەن سېنى ئۇزاقتا ،
ئۆمرۈم قاردەك كەتسىمۇ ئىرىپ .
ئاغرىنمايمەن سىنىڭدىن جىنىم ،
بەلكىم بىر كۈن قالارسەن بىلىپ.
شۇخ كۈلكەڭدىن بەرق ئالغان ئېدىم ،
يېشىل بۈككە ئۇراپ ئۆزۈمنى .
مانا بۆگۈن قېشىڭغا كەلدىم ،
رەنجىتمىگىن قالغان كۈڭلۈمنى .
قۇبۇل قىلغىن تۇتقان گۈلۈمنى ،
مېنى يوقلاپ كىلەلمىسەڭمۇ؟
ئۇتۇپ كىتەر ياشلىق چاغلارمۇ ،
كىچىك مەن دەپ يۈرىۋەرسەڭمۇ .
قىيا باقمىدىڭ مىسكىن ھالىمغا،
ئاشىقلىقىم بىلەلمىدىڭمۇ .
كىتىپ قىلىپ تۈلكىلەر بىلەن ،
مېنى يۇقلاپ كىلەلمىدىڭمۇ ؟
2016-يىل - تاشقۇرغان
| 121 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-25 17:58:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|