نورۇز بۇلاق
(ئابدۇراخمان ئابدۇللا
نازىڭ بىلەن ئاپئاق قارنى ئېرىتىپ،
پەشلىرىڭدە يىشىل رەڭنى يىتىلەپ.
سۆيگۈڭ بىلەن ئىشىك چىكىپ يۈرىسەن،
شاھ-گاداينىڭ ئۆيلىرىدە پەتىلەپ.
ئىسمىڭ بولۇپ ھاياتلىقنىڭ جارچىسى،
تال-تېرەكنىڭ چاچلىرىدا يەلپۈنەر.
لەۋلىرىڭدە رەسىدىدۇر نەرگىزلەر،
ئىشىق ئەھلى بىر سۆيۈشكە تەلپۈنەر.
ئوۋلىدىڭ سەن بارچە ئەلنىڭ قەلبىنى،
يۈرەك بىلەن لىق تولدۇرۇپ ئۆيۈڭنى.
ئايلىنىشتىن توختاپ قالار يەرشارى،
بىز ھويلاڭدا ئوينىغاندا تويۇڭنى.
| 197 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-10 12:00:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|