تاڭ ئىشقى
( تەبىئەت لىرىكىسى )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
ئۇپۇقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ قۇياش ،
يايغاندا ئەتراپقا زەر يىپلىق رومال .
توي ئۈچۈن ياسانغان پەرىزات كەبى ،
تەبىئەت نازلىنىپ ئاچتى خۇش جامال .
تاغ- ئېدىر ھۆسنىدە نۇرلار جىلۋىسى ،
زوقلىنار يېڭى تاڭ پەيزىنى سۈرۈپ .
مەجنۇن تال چېچىنى تارار شوخ شامال ،
باراقسان باغلارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ .
ۋادىلار نۇر بىلەن تۈزەر ھۆسنىنى ،
لالىرەڭ كەڭ ئۇپۇق ئۇنىڭ ئەينىگى .
تاۋلىنىپ ئوتقاشتەك مۇنبەت ئېتىزلار ،
كۆكسىدە لىغىلدار ئەتلەس كۆينىگى .
نۇر ئىچرە چاقنايدۇ -جۇلالىنىدۇ ،
گۈللەرنىڭ بەرگىدە تۆنىگەن شەبنەم .
نەغمىچى قۇشلار شاد چاڭ -چاڭ سايرايدۇ ،
گۈلگۈن تاڭ سېھرىدىن مەست بولۇپ شۇ دەم .
"مەرھابا تاڭ ئانا !" دەيدۇ قۇتلۇقلاپ ،
لەۋ يېقىپ پىچىرلاپ يېىشىل ياپراقلار .
قىلىدۇ تاڭ ئۈچۈن ئىشقىنى ئىزھار ،
شىۋىرلاپ تىنىمسىز چەشمە بۇلاقلار ...
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن .
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ ئەزاسى
2017.3.17
| 626 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-22 22:43:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|