ئوتلۇق مېھىر (نەسىر) - ئايزىمگۇل توختى

  ئوتلۇق مېھىر 

ئايزىمگۇل توختى


مەن شۇنداق بىر ئېغىزنى كۆردۈم .توختىماستىن مېھىرلىك سۆزلەر يېغىپ تۇرىدىغان ،سۇلغۇن دىللارغا ھەرچاغ ئۈمىد بېغىشلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇرىدىغان …
مەن شۇنداق بىر بۇرۇننى ئۇچراتتىم،ئاجىزلارنىڭ قازىنىدىكى ئاش پۇرىقىنى پۇراپ تاپىدىغان ،نەلەردە يوقسۇزلۇق جاننى قىيناپ ،ھەممە يەرنى بىر ئالسا  ،ياردەم گۈلىنى ھىدلاپ ،چىرايدىكى خېجىللىقنى ياپىدىغان …
مەن بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزنى بايقىدىم.ھەردەمدە يىقىلغانلارنى كۆرىدىغان ،ئاتا-ئانىسىغا زار نارەسىدىلەرنى ئىزدەشنى بۇرچى بىلىدىغان،ئاجىز ،يېتىم كىشىلەرنى ئەزىزلەشكە تىرىشىدىغان …
مەن شۇنداق بىر قۇلاقنى سەزدىم .قۇرۇتلاپ كەتكەن ياغاچتا مۇڭىسىراپ دەرد تۆككەن بوۋاينىڭ زارىنى ئاڭلايدىغان ،يولدا ھالسىراپ يىقىلغان موماينىڭ  ھالىنى ياقلايدىغان ،بىچارە يېتىمنىڭ دادۇ-پەريادىنى پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن تىڭشايدىغان …
مەن شۇنداق ئەپچىل بىر قولنى ئۇچراتتىم ،يېتىمنىڭ بېشىنى سىلايدىغان ،ئاجىزنى يىقىلغان ئورنىدىن تارتىدىغان ،ياردەمگە مۇھتاجغا ئايانماستىن ئۆزىنى بېرىدىغان …
مەن شۇنداق بىر جۈپ چاققانغىنە پۇتقا ھەۋەسلەندىم ،ئۆز ئىشىنى تاشلاپ ،ئۆزىگە مۇھتاجلارنىڭ ئىشى ئۈچۈن تاپىدىغان ،باشقىلارنىڭ چېھرىدىكى شادلىقتىن خۇشاللىقلار تاپىدىغان ،پۇرسەت تېپىپ دىلى يارىلارنىڭ يارىسىنى ياپىدىغان ،ھاردىم دېمەي توختىماستىن چاپىدىغان…
مەن شۇنداق بىر ئىللىق قەلىبتىن سۆيۈندۈم .بوۋاي-موماينىڭ چېھرىگە شادلىق ئاتا قىلىپ ،ئاجىزلارنىڭ قەلبىگە ئۈمىد بەخىش ئېتىپ ،يېتىملارنىڭ يۈرىكىگە مېھىر ئوتىنى يېقىپ ،قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا ،شۇ يەرگە دىققەت نەزىرى بىلەن بېقىپ ،ھەركۈنىدىن شادلىق ،مەنا ئىزدەيدىغان شۇنداق قەلىپتىن سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم .
شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە يۇقارقى دەپ ئۆتكەن بارچىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن شۇنداق قەلىپ ئىگىسىدىن مىننەتدار بولماي ،ئاپېرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم .
مەن شۇنداق بىر توپ كىشىلەردىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم .
پىدائىي سۆزىدىن ئىبارەت مەسئۇليەت ،قۇربان بېرىش ،چىداش ،بەدەل تۆلەش روھى تەلەپ قىلىدىغان شۇ نامنى ئۆزىگە پەخىرلىك نام قىلىپ ،ھەرچا شۇنامدىن ئىپتىخارلىنىدىغان شۇ سۆيۈملۈك ،ھوجۇدىدىن مېھىر ئوتى يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ،ئاجىزلارغا ھەرنەپەس ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان ،قەيەردە ئاپەت بولسا بىرىنجى بولۇپ ئاتلىنىشقا ئۆزىنى ئۇرىدىغان ،شەخسىيەتچىلىك ئۇقۇمىنى يىراقلارغا تاشلاپ،يېتىم نالىسىنى ئۆز ھالى دەپ بىلىدىغان ،ئاجىز نالىسىنى ئۆز ئىلتىجاسى قىلىدىغان …پىدائىيلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگۈم كەلدى ،ياشاڭلار ،كۆكلەڭلار ،گۈللەڭلار پىدائىيلار !
سىلەر بولغاچ قەلىپتە مېھىر ،سىلەر بولغاچ ھەر ئىشتا سېھىر .
سىلەر قىلغاچ ھەركىشى مىننەتدار ،سىلەر چىدىغاچ ،ھەممە ئىختىيار .
سىلەر بىلگەچ ،ھەممە ھۆرمەتتە ،ھەر ئىشلار بولۇر ھېكمەتتە…

2017.2.16
     





118 قېتىم كۆرۈلدى ئايزىمگۇل توختى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-14 23:44:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ