ئەسلىدىم .. غۇۋا بىر تۇيغۇلار ئىچىدىن قۇترىغان ھىسلىرىم يۈگەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى .. ئۆتمۈش دەپ ئاتالغان گۈللەر بەرگىگە تۆكۈلدۈم ، گىرىمسەن خىياللىرىم تامام خىرەلەشكەن سىمايىڭنى دىماقلىرىمغا ئۇردى ...
خىرەلەشتىم.. تۇنجۇققان ئۆتمۈشۈم قايسىبىر شاۋقۇنلاردىن ئويغىنىپ كەتتى ،ۋۇجۇدۇم تەكرار يىمىرىلگەن ئىرادەم ئۈچۈن ماتەم تۇتتى ، سېغىنىش دېيىلىدىغان ئاچچىق توزانلارغا يەم بولدۇم ...
ئۇنۇتتۇم دېگەنىدىم ، يېراقلىغان قەدەملىرىمگە ئىشەنگەنىدىم ، ئەمما تۇيۇقسىز ، قەدەملىرىم سۇنغاندەك ئېغىرلىغان ۋۇجۇدۇمنى يەرگە تاشلىدىم ، ياق مەن تاشلىمىدىم ! قەدەملىرىمگە بىرىنىڭ كۆزى تەگدى...
سەۋرىمنى خورىتىشقا ئۇرۇنغان يىللار يىغلاشقا باشلىدى ، شۇنچە قەيسەر تۇرىۋاتقان ۋۇجۇدۇم ، ياق قەيسەر بولۇشقا مەجبۇرلانغان دەي ! بۈگۈنلا ئەمەس ھەر مىنۇت ، ھېسلىرىم ئويغانغان شۇ دەقىنىدىن باشلانغان ھەر مىنۇت، چارچېغىنىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ، ساڭا ھېسلىرىمنى ئاشكارلىماسلىق ئۈچۈن تۇنجۇقۇپ بوغۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىگە بىر قورغان ياساپ كەلگەنىدى ...
يامغۇرغا ئامراق ئىدىم ، چۈنكى مەن يامغۇردا يامغۇرغا قوشۇلالايتتىم ، ياغاتتىم ، يىغىلاتتىم ، تۆكۈلەتتىم ، ئېقنن ئېقىنلارغا كېچەتتىم ، تۆكۈلگەن ياشلاردا ھۆل بولاتتىم ، يامغۇردەك ئازاپلار ئارىسىدا چېلىق چىلىق ھۆل بولاتتىم ، يىغلاش ئۈچۈ يامغۇر بولاتتىم ، يۈرىكىمگە ئوخشايتتى ئۇ يامغۇر ! ئۆكسۈيتتى،تۆكۈلەتتى ، ئۇلغىياتتى !يۇيماق بولۇپ ھەر ئەسلىمىنى ، تەبەسسۇم ئۆچكەن چىرايلارنى ۋە ئۆلتۈرمەك بولۇپ تۇيغۇلىرىمنى !
شۇ بىر قەدەمنى باسالمايتتىم ، خۇددى بىسىش ماڭا ئەبەدىي نىسىپ بولۇنمىغاندەك ، ئۇ قەدەمدىن كېچەلمەيتتىم ھەم ! شۇ بىر قەدەم ئارىلىقتا ئۆز ئۆزۈمدىن قىساس ئالاتتىم...
ئۇنۇتتۇم دەيسەنۇ ، بىر ئۆمۈر شۇ دەقىقىلەر ئۈچۈن ئېغىر تىنىسەن ، شۇ تىنىقلاردا ئۆلىسەن ، كۆمۈلىسەن ...ئازاپلىرىڭ يېنىكلەيدۇ ئەمما ھەرگىز يۇيۇلمايسەن ... شۇنداق ئۆتۈپ يا ئازاپ تۈگەيدۇ يا ئۆمۈر....
| 85 قېتىم كۆرۈلدى | aliya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-1 4:33:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|