ئۇنۇتتۇم دېگەنىدىم

         ئەسلىدىم .. غۇۋا بىر تۇيغۇلار ئىچىدىن قۇترىغان ھىسلىرىم يۈگەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى .. ئۆتمۈش دەپ ئاتالغان گۈللەر بەرگىگە تۆكۈلدۈم ، گىرىمسەن خىياللىرىم تامام خىرەلەشكەن سىمايىڭنى دىماقلىرىمغا ئۇردى ...
 خىرەلەشتىم.. تۇنجۇققان ئۆتمۈشۈم قايسىبىر شاۋقۇنلاردىن ئويغىنىپ كەتتى ،ۋۇجۇدۇم تەكرار يىمىرىلگەن ئىرادەم ئۈچۈن ماتەم تۇتتى ، سېغىنىش دېيىلىدىغان ئاچچىق توزانلارغا يەم بولدۇم ...
ئۇنۇتتۇم دېگەنىدىم ، يېراقلىغان قەدەملىرىمگە ئىشەنگەنىدىم ، ئەمما تۇيۇقسىز ، قەدەملىرىم سۇنغاندەك ئېغىرلىغان ۋۇجۇدۇمنى يەرگە تاشلىدىم ، ياق مەن تاشلىمىدىم ! قەدەملىرىمگە بىرىنىڭ كۆزى تەگدى...
سەۋرىمنى خورىتىشقا ئۇرۇنغان يىللار يىغلاشقا باشلىدى ، شۇنچە قەيسەر تۇرىۋاتقان ۋۇجۇدۇم ، ياق قەيسەر بولۇشقا مەجبۇرلانغان دەي ! بۈگۈنلا ئەمەس ھەر مىنۇت ، ھېسلىرىم ئويغانغان شۇ دەقىنىدىن باشلانغان ھەر مىنۇت، چارچېغىنىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ، ساڭا ھېسلىرىمنى ئاشكارلىماسلىق ئۈچۈن تۇنجۇقۇپ بوغۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىگە بىر قورغان ياساپ كەلگەنىدى ...
يامغۇرغا ئامراق ئىدىم ، چۈنكى مەن يامغۇردا يامغۇرغا قوشۇلالايتتىم ، ياغاتتىم ، يىغىلاتتىم ، تۆكۈلەتتىم ، ئېقنن ئېقىنلارغا كېچەتتىم ، تۆكۈلگەن ياشلاردا ھۆل بولاتتىم ، يامغۇردەك ئازاپلار ئارىسىدا چېلىق چىلىق ھۆل بولاتتىم ، يىغلاش ئۈچۈ  يامغۇر بولاتتىم ، يۈرىكىمگە ئوخشايتتى ئۇ يامغۇر ! ئۆكسۈيتتى،تۆكۈلەتتى ، ئۇلغىياتتى !يۇيماق بولۇپ ھەر ئەسلىمىنى ، تەبەسسۇم ئۆچكەن چىرايلارنى ۋە ئۆلتۈرمەك بولۇپ تۇيغۇلىرىمنى  !
شۇ بىر قەدەمنى باسالمايتتىم ، خۇددى بىسىش ماڭا ئەبەدىي نىسىپ بولۇنمىغاندەك ، ئۇ قەدەمدىن كېچەلمەيتتىم ھەم ! شۇ بىر قەدەم ئارىلىقتا ئۆز ئۆزۈمدىن قىساس ئالاتتىم...
      ئۇنۇتتۇم دەيسەنۇ ، بىر ئۆمۈر شۇ دەقىقىلەر ئۈچۈن ئېغىر تىنىسەن ، شۇ تىنىقلاردا ئۆلىسەن ، كۆمۈلىسەن ...ئازاپلىرىڭ يېنىكلەيدۇ ئەمما ھەرگىز يۇيۇلمايسەن ... شۇنداق ئۆتۈپ يا ئازاپ تۈگەيدۇ يا ئۆمۈر....
     





85 قېتىم كۆرۈلدى aliya ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-1 4:33:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ