تۇققانلا - ئەكبەر ئەركىن

 تۇققانلا
 ئەكبەر ئەركىن

مېھىر بىلەن ئۆتەيلى قان قېرىنداش تۇققانلا،
مۇناسىۋەت سۇسلاشمىسۇن يوقلىشايلى تۇققانلا.

يالغۇز مېڭىپ ئاشالماسمىز ھايات دېگەن داۋاندىن،
ئويۇشقانغا خەتەر يوق ئۆم ئۆتەيلى تۇققانلا.

تارالساقمۇ ھەر يەرگە،ئۇ ئېىھتىياجى تۇرمۇشنىڭ،
كۆرشەيلى قەرەلىدە ئۇنتۇشمايلى تۇققانلا.

ھېيتلىشايلى بايرامدا ئۇلۇغ ئايەم كۈنلەر دە،
قېرىنداش بىز،قانداش بىز گەپ بولمىسۇن تۇققانلا.

بىر ئانىدىن تۇغۇلۇپ تەڭ چوڭ بولغان قېرىنداش،
مىراس ئالغاندا قان تۆكۈپ،ياتلاشمىسۇن تۇققانلا.

ئۆمۈر بەك قىسقا، بار ۋاقتىمىز غەنىيمەت،
ئۆلگەنىمىزدە پۇرسەت يوق، يوقلىشايلى تۇققانلا.

         2016/9/26
     





72 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 22:14:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ