ئامان بول غۇلجا
ئەكبەر ئەركىن
ئىدىڭ سەن ئەسلىدە گۈزەل بىر ماكان،
ھەر كىشى نەزىردە جەننەتتەك ھامان.
سەل كەپتۇ، لاي -لاتقا بىسىپتۇ يۈزىڭنى،
ھەي سادىر يۇرتى، ئامان بول ئامان.

ئاۋام خەلقىڭ ئاپەتتىن چەكتىغۇ پەرياد،
يوقسىزلار بولدىغۇ ماكانسىز، ھايتاق .
ھەي غۇلجا !چىقسا مەيلى قانچىكى زىيان ،
بىز مەدەتكار ، غەيرىتېڭ بولمىسۇن بەربات.

نارسىدە، گۈدەكلەرگە ئۇۋال بوپتۇ بەك،
چۈشۈمدە ئۇلار، ئۇسسۇزلۇققا لاي سۇ ئىچكۈدەك.
ئاھ خۇدا ! قىلغىنە بىر قوشۇق رەھىم،
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆتسۇن غۇنچىدەك.

بۇ خىرىس، پاجىئەدىن ھەممە قىلدى سۈكۈت،
ئاپەت بولغان رايوندىن خۇش-خەۋەر كۈتۈپ.
ئۈمۈدى شۇ شىنجاڭنىڭ، پۈتۈن جۇڭگۇنىڭ،
قەد كۆتۈر غۇلجا شەھرى قايتىدىن پۈتۈپ.
2016-يىلى6-ئاينىڭ19-كۈنى
2629888235:微信
| 174 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-20 0:42:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|