ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنڭ قۇلىغا
ئابدۇراخمان ئىبراھىم
كىرىپ قاپسەن،مەۋھۇم قەپەز ئىچىگە،
تور ئوينىشىڭ، ئەتىگەندىن كېچىگە.
يېمەك ئىچمەك، تۇرمۇشۇڭغا كىم ئىگە؟
ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنىڭ قۇلىغا.
يار تۇتۇپسەن، ئۈندىداردا ئاڭلىسام،
بەك دۆتكەنسەن، «ئەقىللىق» دەپ داڭلىسام.
قىلىقىلىرىڭ-كىچىك بالا ئوينىلام،
ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنىڭ قۇلىغا.
مۇشۇ پېتى ئۆتۈپ كەتسەڭ مەيلىمۇ،
ئازدۇرۇشكەن، شەيتىنىڭنىڭ پەيلىمۇ.
ئەمدى سىنى، بىر«بىكارچى» دەيلىمۇ،
ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنىڭ قۇلىغا.
يۆلەك بولغىن! ئاتا-ئاناڭ ھېرىپتۇ،
ماغدۇرسىزكەن، جاپا بىلەن قېرىپتۇ.
ساڭا بېقىش نۆۋىتىنى بېرىپتۇ،
ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنىڭ قۇلىغا.
بولار بىر كۈن،ۋاقىتنىڭمۇ سورىقى،
قايتماس ھەرگىز،ئۆمۈرنىڭ ئاتقان ئوقى.
پۇرسەت ئىدى بىلسەڭ، ھايات يورۇقى.
ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنىڭ قۇلىغا.
بولسۇن،سەندە ئۇلۇغ پىلان-ھەرىكەتلەر،
ھالال ئىشلەپ،تاپقىن رىزىق-بەرىكەتلەر.
تۈگەپ كەتسۇن، يامان خۇمار-ئادەتلەر،
ئايلانمىغىن تېلېفونۇڭنىڭ قۇلىغا.
ئابدۇراخمان ئىبراھىم كورلا.
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قويماڭ.
2017.2.21
254 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇراخمان ئىبراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-21 21:11:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-27 14:09:12 | ئابدۇۋارىس ئوسمان |
ياخشى يېزىپسىز ئېسىل چىقىپتۇ 🌹🌹🌹 |
2017-2-23 16:58:02 | ئارزېگۈل |
😂😂😂😂😂👍👍👍👍👍👍👍��ياخشې يېزلېپتۇ كۆپ باش قاترۇپسېز سېزنې تەبرېكلەيمەن سېز دە ئۈمېت بار بېر ياخشې شائىر بۇلۇپ چېققېدەكسېس مەن سېزنېڭ باشقا شېئىرلېرڭېزنېمۇ ئوقېغان سېز نېڭ باشقا شېئىرلېرڭېزمۇ بەك ياخشې يارايسېز |
2017-2-23 16:13:14 | زوھرە |
تىخىمۇ تىرىشىڭ ئىسىل چىقىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|