قەدرىڭ ئەجەپ ئ‍ۆتۈلدى ئ‍انا

قەدرىڭ ئ‍ەجەپ ئ‍ۆتۈلدى ئ‍انا

 

مەردان شاھ  خۇشخۇي

 

 ھېرىپ كەلسەم ئ‍ىشتىن چۈشكەندە،

 نە ھالىمنى سورار كىشىم يوق.

 غەمكىن بولسام كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ،

 ئ‍اڭلايدىغان تەسەللىرىم يوق.

 

 جاپا تارتسام تۇرمۇش غېمىدە،

 مەدەت بېرەر يان تاياقىم يوق.

 دەردىم تۆكسەم بىشىمنى سىلاپ،

دەرمان بۇلار غەمگۇزارىم يوق.

 

 خوشلۇقۇمغا ئ‍ۆزىنى ئ‍ۇنتۇپ،

 جۆر بۇلارغا نە ھەمكارىم يوق.

 بارلىقىمنى بىلىپ بارلىقى،

 ئ‍ىلھام بېرەر مەدەتكارىم يوق.

 

بولدى ماڭا ئ‍ۆيىمىز مازار،

 يىتىم مەن بىر ئ‍انىجانىم يوق.

دەردىم ئ‍ېچىمگە ھېچ پاتمىدى،

 ئ‍ەمما يەنە نە داۋايىم يوق.

 

قەدرىڭ ئ‍ەجەپ ئ‍ۆتۈلدى ئ‍انا،

 سەن يوق گويا ھېچ مادارىم يوق.

 ھاياتىمنىڭ خوشلۇقى كەتتى،

 بۇ دۇنياغا ئ‍ەمدى رايىم يوق.

 

ئ‍انا،ئ‍انا، دىسە ئ‍ۆزگىلەر،

ئ‍انا دەرگە شۇ ئ‍ەزىزىم يوق.

 بويۇن قىستىم ياتلار ئ‍الدىدا.

 ھە دەيدىغان كۆيۈمچانىم يوق.

 





143 قېتىم كۆرۈلدى huxhuy ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 0:08:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ