كېچىدىكى خىيال

كېچىدىكى خىياللار

 

 ئ‍اپتۇرى؛ ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز

 

 تۈن نىسبىدە كەلمەيدۇ ئ‍ۇيقۇ،

 خىيالىمدا تاتلىق بىر تۇيغۇ.

 تاتلىق خىيال سۈرگەچكە دايىم،

 چۈشلۈرۈمدە پەقەت سەن باغۇ.

 

 خىيال كەپتىرىم قانات قاققاندا،

 ھىسلىرىم كۆۋەجەپ چىلايدۇ سىنى.

 شۇ پەيىت ئ‍الدىمدا بۇلىسەن زاھىر،

 باغاشلاپ غىرىپلىق قىينايدۇ مىنى.

 

 تۈن نىسبىدە ئ‍اينىڭ شولىسى،

 دېرىزەم ئ‍ىچىنى خىرە يۇرۇتار.

 ئ‍ەسىرگە ئ‍ايلىنىپ تۈمۈر زەمجىردە،

 باغلىنار شۇ تاتلىق شىرىن تۇيغۇلار.

 

 2015-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى





139 قېتىم كۆرۈلدى RuSuL ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-16 20:37:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ