يۈرۈكۈمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
ئۇنى تۇنجى كۆرگەن چىغىمدا ،
يۈرۈكۈمدە ئىزناسى قاپتۇ .
بۇلبۇل بولۇپ سۆيگۈ بىغىمدا ،
يۈرۈكۈمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ .

مەجنۇن بولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ ،
سىغىنىشتا ئازاپ ھاپاشلاپ .
مىنى سۆيگۈ ئوتىغا تاشلاپ ،
يۈرۈكۈمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ .

ئۇنتالمىدىم ئىللىق مىھرىنى ،
شۇنچە گۈزەل نۇرلۇق چىھرىنى .
شۇڭا ھەسرەت بىلەن ھەر كۈنى ،
يۈرۈكۈمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ .

ئەسلەش بىلەن ئۆتتى كۈنۈممۇ ،
ئۇيقىسىزدۇر كىچە تۈنۈممۇ .
سىغىندىم مەن ئۇنى بۈگۈنمۇ ،
يۈرۈكۈمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ .

تۇنجى كۆرۈپ ئوتىدا كۆيگەن ،
بىر ئۇنىڭغا ئاشىق بۇپ يۈرگەن .
شۇنداقمىدۇ مۇھەببەت دىگەن ،
يۈرۈكۈمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ .
2016.4.6.كۈنى
| 378 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-8 8:54:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|