ئاشىقنىڭ بايانى - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

ئاشىقنىڭ بايانى

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

ساڭا ھىچكىم يامان كۆزدە باقمىسۇن،
ئۇيىۋىتىپ قالماي ئۇنىڭ كۈزىنى.
مەندىن ئۆزگە ئەر قۇلۇڭنى تۇتمىسۇن،
كۈرۈپ قالار نەق دوزاخنىڭ ئۈزىنى.

سىنى مەندەك سۈيەلمەيدۇ ھىچكىممۇ،
نوچى بولسا مىنىڭ بىلەن چېلىشسۇن.
غىتمەكلەرنىڭ سىنى ئويلاش ھەققىمۇ؟
ئاستا بېرىپ ياستۇق بىلەن ئېلىشسۇن.

ئىگە بۇلۇپ سۈيەر ئەركەك مەشۇقنى،
ئۇنىكاھسىز ئىشتان باغنى تۇتقايمۇ؟
قەسەم قىپلا مەقسىتىگە يەتكەننى-
نامەرتلەرنى يەرقوينىغا ئالغايمۇ...

سۆيسە ھەركىم مەندەك سۆيسۇن يارىنى،
كۆزيۇمغىچە بىرىگىلا باغلانسۇن.
بىرىگىلا بەرسۇن بارچە-بارىنى،
تۇرمۇش قۇرسۇن،ئائىلىسى گۈللەنسۇن.

    2006.10.10
     





271 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 23:41:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-30 19:40:45 ئادىلجان
بۇ ناھايىياخشىمەز مەزمۇندىكى شېئىر ئىكەن مەن بەك ياختۇردم يازغۇچىنىڭ قوللىرىغا دەت كەلمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ