ئەسلىمە
ئېلىجان ئابدۇكېرىم ( بارچۇق ئوغلى ) چوڭقۇرچاق
ئەسلەمسىلەر ئويناپ يۈرگەنلەر،
مەست ئەلەس بوپ كەيىپ سۈرگەنلەر،
ئەجەل ئوقى بى ئەجەل تىگىپ،
ئەستە بارمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلەر .
ياش تۆككەنتۇق دەتتە ئاھ ئۇرۇپ،
پۈتۈن ئالەم بىزگە قايغۇرۇپ،
ئۆلۈپ كەتكەن دوست قىرىنداشلار ،
بىر تىنىققا شۇنچە زار بولۇپ.
ئۇنتۇدۇقمۇ ئەشۇ دوستلارنى،
دەريا كەبى ئاققان قانلارنى،
ئەجەپ تىزلا ئۇنتۇلۇپ كەتتۇق،
تۆكۈلگەن شۇ ئىسىق ياشلارنى.
يەر تەۋرىسە ئاپەت بىلگەنتۇق،
پۇلنى كۆرۈپ ئامەت بىلدۇقمۇ ،
ياش تۆككەن شۇ كۈنلەرنى ئۇنتۇپ،
بۈگۈن كۈلۈپ راھەت بىلدۇقمۇ .
راھەت ئەمەس بىزگە بۇ جانلار،
پۇل تاپقاندا قىلغان زىنالار،
ئەجەل ئوقى بىزگىمۇ تېگەر،
ئويلايلى بىز ئامان قالغانلار .
تەلەپ پىكىر ئۈندىدارى 2318334127
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-10 9:57:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|