ھەمرايىمغا (شېئىر) - قۇندۇزئاي

ھەمرايىمغا (شېئىر)

 قۇندۇزئاي


 كۈندە بىرگە ياشىساممۇ سېنىڭ بىلەن،

شېرىن سۆھبەت سۆزلىرىڭگە قانغىنم يوق.

كۆڭۈلسىزلىك سېپ قويساڭمۇ بەزەن چاغلار،

چىن مۇھەببەت بەرگىنىڭدىن تانغنىم يوق.


سەن بولغاچقا پورەكلىگەن ياشلىق گۈلۈم،

سېنىڭ بىلەن خوشال ئ‍ۆتەر ھەربىر كۈنۈم.

لىرىكىغا تولغان گۈزەل ئ‍اشۇ كۆڭلۈم،

ھېچبىر يەرگە سىرداش ئ‍ىزدەپ بارغىنىم يوق.


شىركەت ئ‍اچتۇق دىسە بىرى غادايغانچە،

نېمىش قىلار ئ‍ېرىڭ دىسە قارايغانچە،

مېنى سۆيدى نە كېرەكتۇر ساراي قانچە،

دىدىم باشقا بىراۋلارغا قارغىنىم يوق.


تاپقانلارنى تەڭ خەجلەيمىز دېگەن ئ‍ىدۇق،

ناننى،غەمنى تەڭ ئ‍ولتۇرۇپ يېگەن ئ‍ىدۇق،

ھەق-ناھەقنى،ساداقەتنى بىلگەن ئ‍ىدۇق،

ئىجرا قىلدىم ساڭا قارا سانىغىنىم يوق.


سەن كۆيگەچكە ئ‍ائىلەڭگە مەنمۇ كۆيدۈم،

پەرزەنتىمنى ساڭا ئ‍وخشاش ئ‍ەزىز كۆردۈم،

سەپەرقىلساڭ كىلشىڭنى كۈتۈپ يۈردۈم،

يوللىرىڭدا كۈتۈپ سېنى تالغىنىم يوق.





90 قېتىم كۆرۈلدى kunduzay ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-17 4:13:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ