تاتلىقىم دەيمۇ سېنى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
بەك سېغىندىم،بىلسەڭ بولماسمىدى،
ئۇچۇپ كەلسەڭ يانىمغا،بىر نۆۋەت،
يۈرەكلىرىم يايراپ كەتمەسمىدى.

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
ئاي شولىسى چۈشسە بولماسمىدى،
گەر تىلەمچى بولۇپ قالسام،يەنە،
سۆيگۈڭنى تىلىسەم بولماسمىدى.

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
بىلسەڭ،ئاداققىچە سۆيەر ئىدىم،
بىلمىدىم،زەپ قىينىدىڭغۇ مېنى،
تاتلىقىم،بىر كەلسەڭ بولماسمىدى.

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
ساقلىدىم سېنى،يۈرەكلەر غەشتە،
كىتەيمۇ يىراقلارغا،بىلمىدىم،
ياز كەلگۈچە كەلسەڭ بولماسمىدى.

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
چىن دىلدىن تاتلىق سۆيسەڭچۇ مېنى،
ئۇنىتاي دىدىم،ئۇنىتالمىدىم،
كىچەلمىدىم،قەلبىم ئىزدەر سېنى.

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
بىر ئۆمۈر قىيلىنىپ ئۆتەرمەنمۇ،
ئۈزۈلسىمۇ تارىلەر،ۋەلىكىن،
كىچەلمىدىمغۇ،سۆيسەڭچۇ مېنى.

تاتلىقىم دەيمۇ سېنى،دىلبىرىم،
كىتەرمەن ھامان كۆزۈڭدىن يۈتۈپ،
ھېچ بولمىسا سۇنۇپ قوي قىزىل گۈل،
تەڭ بولۇرمىزغۇ بىر كۈنى،ھېرىپ.
     





176 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 7:23:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-30 0:49:58 مېھرى
تىلبەك گۈزەلبوپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ