ئېزىقىش
مۇختار ئابلىز(كۈنەس ئارالتۆپە)
كاللام قۇپقۇرۇق كېتىپ بارىمەن ،
ئاپتاپ پېشانەمنى قىززىتىپ .
ياق ياق ،
يۈرۈكىمنى بىرنەرسە سوۋۇتۇپ .
بىلەلمىدىم ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى ،
توساتتىنلا،
غازاڭلار تۆپىگە مىنىپ ،
شامال بىلەن تەڭ ئۇچىۋاتىمەن .
ئادەملەر ئارسىدا ئۇچىۋاتىمەن ،
ھەممىسى بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك.
كۆزلىرىنى يەرگە تىكىپ بەللىرىنى ئېگىپ،
ماڭا پەرۋامۇ قىلماي،كېتىپ بارىدۇ.
ئەنە قارا تونۇش بىر گەۋدە،
توختا ! دەپ ۋارقىرغىنىمچە ئۇنىڭ مۈرىسىگە قوندۇم .
توختامدۇ دەمسەن؟ نە توختىسۇن ،
قوللىرىغا ئېسلدىم نەخ شۇ نەخ ئۆزى !
تونۇش قوللار مەن بۇرۇن تويماي تۇتقان،
ئۆتۈم يېرىلىپ كەتكۈچە ئۇنى چاقىرۋاتىمەن.
ئەپسۇس ئاڭلىمىدى بەلكىم رايى يوقتەك،
قوللىرىنى قاقتى،
يەرگە چۈشۈپ كەتتىم.
ئادەملەر دەسسەپ ماڭماقتا ،
تەنلەر ساپساق ئاغىرىمىدى.
يۈرۈكىم ئاغرىپ كەتتى،
قوپۇشقا تەمشەلدىم قوپالمايۋاتىمەن.
جايىمدا ياتماقتىمەن ،
تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە .....
285 قېتىم كۆرۈلدى | kanan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-16 7:30:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-18 18:46:31 | yusup |
isil yi zip tu bak lam isil til bi lan tasirap bi ral mi gi dak |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|