تىلەك (شېئىر) - ماھىرە ئەركىن ئەتىر

 تىلەك

ماھىرە ئەركىن ئەتىر

ئەسلىمەم ئۇ بىر قېرى بالا،
ئارزۇلارمۇ بولغانتى مەھپۇس.
پۈتەر ئىدى مىڭ بىر ھىكايە
سۆزلۈگۈم يوق بۇ ھەقتە ئەپسۇس.

خوشاللىقنىڭ پۇتىدا زەنجىر،
ئۇ ھاياتنىڭ ھىجران پەسلىدى.
كور بولايلا دىگەن ئەسلىدە ،
تەبەسسۇملار بىر يىل يىغلىدى .

ھاجىتى يوق چۈشەندۈرۈشنىڭ،
ھەق دارىغا يەتكەندۇ ئاھىم .
يۇيدى بەلكى ھەسرەتلىرىمنى،
يامغۇر كەبى تۆكۈلگەن ياشىم.

مۇزغا ئوخشاش يۈرەكلىرىمدە ،
قېتىپ قالغان بىر تالاي ئۆتمۈش .
كۆمۈپ قوياي ئۇنى چۆللەرگە،
ئويغانمىسۇن بولسۇنچۇ كەچمىش.

كۆز ياشلارغا ئايلىنىپ قايغۇ،
قوشۇلۇپلا كەتسۇن دېڭىزغا.
چىچەك ئاچسۇن،خۇش پۇراق چاچسۇن،
مۇھەببىتىم ئايلىنىپ گۈلگە.
     





181 قېتىم كۆرۈلدى Atir715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-23 11:12:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ