ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش
ھەسەنجان ئۇچقۇن
ئۇ قەلبىمدە ئىللىق بىر قۇياش،
بىزگە دائىم بولغاچقا يولباش.
توققۇز بالا ئازماس يولىدىن،
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
دادا ئىكەن ئۆچمەس بىرچىراق،
سېغىناركەن كەتسەڭمۇ يىراق.
ئۇنتۇلماسكەن بۇسۆيگۈ بىراق!
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
ئاي كۆرىنەر دادام چىھرىدىن،
دىل سۆيىنەر ئوتلۇق مىھرىدىن.
ئاللاھ ئامان قىلسۇن قەھرىدىن،
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
بالا ئۈچۈن سوققان ئۇ يۈرەك،
جاپالارغا بوي ئەگمەس زېرەك،
بۇنداق قورغان بولمىسا كېرەك ؟
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
ئۇ پەرىشتە مېھنەتسىز تېرەك،
بۇ ھاياتتا بىزگە يار-يۆلەك،
بىز ئۈچۈندۇر دۇئا ھەم تىلەك،
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
ئادا قىلماق ئاتىلىق بۇرۇچىنى،
كۆپ تارتتى ھە؟ بالا جەبرىنى.
چاندۇرماسكەن ئەمما دەردىنى،
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
تورمۇش قۇرماق بولسام بىركۈنى،
دادا بولسام ئەگەر بىركۈنى،
بىرىپ شۇنداق بارچە مىھرىمنى،
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
مەڭگۈ بېسىپ ئەۋلاد ئىزىنى،
ئەستە ساقلاپ ئاتام سۈزىنى.
يۇرۇق قىلىپ مىللەت يۈزىنى،
ئارزۇيۇم بار دادامدەك ياشاش.
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى12 - ئاينىڭ 7-كۈنى گۇۋاڭجۇ
36 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-14 2:07:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|