دوسلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
بىرسى يۇلەپ بىرسى يىقىلسا،
دوسلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
بىللە بولسا راھەت جاپادا،
دوسلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
بىر-بىرىگە باغلاپ ئەقىدە،
ئىخلاس قىلىپ يۇرسە چۇشەنسە،
دۇستقا گۇمان قىلماي ئىشەنسە.
دوستلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
بىلسە ھەركىم ياخشى دوست دىگەن،
قېرىنداشتىنمۇ ئارتۇق ئىكەن.
نەدە بولسا دوستۇم دەپ يۇرگەن،
دوستلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
ئايرىلمىسا ياڭاق چاققاندا،
دوستلاشقانلار پاداباققاندا.
مۇھتاج بولماي ياۋلارغا-ياتقا،
دوستلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
يۇلەشكەچكەدوستلار ئۆز-ئارا،
بولمايدىكەن يۇرەكمۇ يارا.
چىقىپ تۇرار دەتلەرگە داۋا،
دوستلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
دوستلۇق ئۇلى مىھرى-مۇھەببەت،
چىڭىتىدۇ ئۇنى ساداقەت.
بۇنى بىلسۇن ھەممە جامائەت،
دوستلۇق دىگەن مۇشۇنداق بولسا.
68 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-15 23:36:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|