چۈشلىرىمگە كىرىپسەن ئانا
ئاپتۇرى؛ يۇلتۇز (ئەسلىمە)
چۈشلىرىمگە كىرىپسەن ئانا،
چاچلىرىمنى سىلاپسەن يانا.
سېغىنغانتىم سىنى شۇنچىلىك ،
كۆز ئالدىمدا تۇرۇپسەن مانا.
بۇرۇنقىدەك شۇنداق گۈزەلتىڭ،
ھېچ گەپ قىلماي كۈلۈپ تۇراتتىڭ.
قۇللۇرۇمنى تۇتۇپ جان ئانا،
مىھرىڭ بىلەن باغرىڭغا باستىڭ.
كۆزلىرىڭدىن مىھىر تۈكەرسەن،
ماڭا تويماي،تويماي قارايسەن.
سورىۋالاي سەندىن جان ئانا،
مىنى تاشلاپ كەتمەيدىغانسەن.
سەن يوق ئانا قان ياشلار تۆكتىم،
ھەم شۇنچىلىك رىيازەت چەكتىم.
ساڭا قىلغانلىرىمنى ئويلاپ،
ئاچچىق ئازاپ قوينىغا چۆكتىم.
جان ئانا ھەي مىھرىبان ئانا،
ئەقىللىق ھەم شۇنچىلىك دانا.
مىنى يالغۇز قۇيۇپ كەتكەندە،
ئەمدى بىلدىم قەدرىڭنى مانا.
ئوماق قۇزام دىدىڭغۇماڭا،
قۇلاق سال يول كۆرسىتەي ساڭا.
بۇھاياتنىڭ سىناقلىرى كۆپ،
شۇڭا ھەرگىز ئالدانما ئاڭا.
ئېزىپ قالما ماڭغان يۇلۇڭدا،
دائىم بولسۇن كىتاب قۇلۇڭدا.
يامانلىقتىن قاچقىن سەن يىراق،
شۇندا بەخىت دائىم يېنىڭدا.
ئاڭلاپ سىنىڭ بۇ سۆزلىرىڭنى،
سوراق قىلدى ۋىجدانىم مىنى.
سەن قەدرىنى قىلمىغان ئاناڭ،
ئاتىغانتى ساڭا بارىنى.
ئاناڭ ئۈچۈن نىمە قىپ بەردىڭ،
ھاجىتىڭ چۈشسە يادىڭغا ئالدىڭ.
بالام سەن نەدە تىزكەلگىن دىسە،
مەن ئالدىراش كەچۈرگىن دىدىڭ.
باغرىڭ ئىللىق نىمىشقا بۇنچە،
كۆزلىرىمدىن تۈكۈلدى ئۈنچە.
مىنى كەچۈر دىيەلمەي ئانا،
يۈرەكلىرىم ئىزىلدى شۇنچە.
يىغلاپ تۇرۇپ ئويغىنىپ كەتتىم،
ئانا ئاناقېنى سەن دەيتىم.
كەچۈرەمسەن مىنى جان ئانا،
خاتا ماڭغان يۇلۇمدىن قايتىم .
2016-يىلى2-ئاينىڭ3-كۈنى كېچە
119 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-17 17:49:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|