يىراق كەت

يىراق  كەت

 

مىنىڭ بىلەن بىر ئوتتا كۆيەلمىسەڭ يىراق كەت،

مىنى دىلدىن ،يۈرەكتىن سۆيەلمىسەڭ يىراق كەت.

كەلسە كۈلپەت بىشىمغا،ھەمرا بولۇپ قىشىمدا،

 ماڭا مېھىر -تەسەللى بىرەلمىسەڭ يىراق كەت.

 

 ياخشى-يامان كۈنۈمدە، يالغۇز قالغان تۈنۈمدە،

 سىرداش بولۇپ مەن بىلەن يۈرەلمىسەڭ يىراق كەت.

 مۇھەببەتتە ئېچىم تار ،قىزغىنىمەن ئۆزگىدىن،

 مىجەزىم شۇ ئەزەلدىن كۆنەلمىسەڭ يىراق كەت.

 

 بەزى قوپال تىگىمەن ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ،

 لىكىن مىھرىم بىر دىڭىز چۈشەنمىسەڭ يىراق كەت.

 تۆھمەت قىلسا نادانلار ،سەنمۇ ئاڭا ئەگىشىپ،

 ماڭا قاراپ گۇماندا ئىشەنمىسەڭ يىراق كەت.

 

 يۈسۈپجان ئايكىپە (قاغىلىق )

2015-12-11

ئۈندىدار:1450877977





147 قېتىم كۆرۈلدى kunlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-11 12:18:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ