سۇلغان غۇنچە - مېھىرنىسا قۇربان

سۇلغان غۇنچە

مېھىرنىسا قۇربان

قار ئاستىدا قالدى غۇنچە ئېچلماي،
خۇش ھىدلىرى ھەر يانلارغا چېچىلماي.
قالدى ھەجەپ قار جۇدۇندا سوغۇقتا،
گۈللەر بىلەن گۈل سېپىگە قېتىلماي.

ئارزۇلىرى گۈزەل ئىدى شۇنچىلىك،
ئويلىمىغان بولارىنى بۇنچىلىك.
يەتكەن بولسا ئارمانىغا ئېچىلىپ،
خوشاللىقى بولار ئىدى قانچىلىك.

بۇلبۇل ئىدى ئەسلى ئۇنىڭ كۈيچىسى.
بۇنى ئويلاپ تۆكۈلدىغۇ كۆز يېشى.
ئېچلمايلا سۇلغان شۇنداق  غۇنچىدىن،
قار ئاستىدا قالدى يەنە قانچىسى؟

ئېلىپ قولغا ئۈششۈك ئۇرغان  غۇنچىنى،
ئاڭلىغاندەك بولدۇم ئۇنىڭ  زارىنى.
كۆڭلۈم يېرىم ئاڭا مەنمۇ قايغۇرۇپ،
سۈرتۈپ قويدۇم ئۈستىدىكى قارىنى.

2016-10-26 غۇلجا شەھىرى
     





93 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-26 18:24:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-27 23:15:59 رابىيە
ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ