ئەسلىدىم (شېئىر) - پازىلجان سىدىق

ئەسلىدىم (شېئىر)

 پازىلجان سىدىق


سىنىڭدىن مەڭگۇگە ئايرىلغان چاغدا،
سىغىنىش ئىلكىدە سىنى ئەسلىدىم.
پەقەتلا سىنىلا سۆيگەن ئىكەنمەن،
دەت-ئەلەم ئىچىدە سىنى ئەسلەدىم.

ئىسىمدىن چىقمايدۇ ئاشۇ كۈنلۇرۇم،
مۇھەببەت دىڭىزغا چۆككەن تۇنلۇرۇم.
قانداقمۇ ئۇنتالاي نىگارىم سىنى،
كۆرۇشكە تەشنا بوپ ساقلار كۆزلۇرۇم.

غىرىپلىق ئىچىدە يەنە ئەسلىدىم،
مۇھەببەت بىغىدا يۇرگەن كۈنلەرنى.
سىنىڭسىز ئەمدى ئۆتكۇزەي قانداق،
خۇشاللىق يوقولۇپ ئازغان تۇنلەرنى.

ھاياتنىڭ لەززىتى قالمىدى سەنسىز،
قانداقمۇ ياشارسەن نىگارىم مەنسىز.
ئاخىرقى نەپسىمدە كۆرمەي قىلىشتىن،
قورقۇنۇش ئىچىدە ئۆتۇمەن ئەنسىز.

كەلسەڭچۇ نىگارىم كەلسەڭچۇ يىنىپ،
يۇرەككە سانجىغان خەنجەرنى ئىلىپ.
سانجىغىن ماڭا سانجىغىن يەنە،
توقتارسەن بىر كۈنى كۆڭلۇمنى بىلىپ.

 1542984363
     





698 قېتىم كۆرۈلدى xungkar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 12:44:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ