چىدىيالماي قالسۇن دەردىمدە - م: زىلۋاڭى

چىدىيالماي قالسۇن دەردىمدە 

 م: زىلۋاڭى

 
ساڭا كۆيسەم بولمامدۇ جانان ،
ئاڭلاپ باقاي يۈرەك  سۆزۇڭنى.
ئىزھار قىلسام كۆڭلۈمنى ھامان، 
قاچۇرىسەن مەندىن ئۈزۈڭنى .

كىچە-كۈندۈز خۇداغا يېغلاپ، 
خاتىرجەملىك تىلەيمەن ساڭا.
بار ئۇمۇدنى خۇداغا باغلاپ، 
سەبرى تاقەت تىلەيمەن ماڭا.

پاناھ بەرسۇن ياراتقان خۇدا، 
بەندىلەرگە كۇيۇپ قېلىشتىن.
ۋىسالىغا يېتەلمەي تۇرۇپ، 
تۇيۇقسىزلا ئۇلۇپ كىتىشتىن.

تاقەت تىلەپ كەلدىم خۇدادىن، 
ئۇزەم ئۇچۇن قىلىپ مۇناجات.
ۋىسالىمغا يەتكۇزگەي ئاللاھ، 
دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت.

خۇدايىمنىڭ قۇدرىتى چەكسىز، 
سىنى ماڭا قىلىشقا ئاشىق.
مەنمۇ ئاجىز خۇدا بەندىسى، 
تەقۋا ئەمەس بولساممۇ پاسىق.

ئاشىق قىلىپ قويغىن خۇدايا، 
ماڭا مەنمۇ كۆيگەن شۇ قىزنى.
چىدىيالماي قالسۇن دەردىمدە، 
يۇرەكىگە چېچىپ سۇ مۇزنى.

ئامىين ؛ سۈف سۈف سۈف 
 😭😭😭😭😭😭😭
ئۇندىدار: 18999058343
2016-11-23
     





727 قېتىم كۆرۈلدى zilwangi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-23 10:08:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-8 1:03:32 eli
yahxi yizlip tu...amdi kimlar siz ga axik bulup kala...
2016-11-29 15:32:41 شەھلا
قىزقارلىقكەن
2016-11-26 22:22:47 zilwangi
يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بېرىدىكەن بۇ شىئىر ئادەمگە
2016-11-26 14:48:35 خۇشداۋا
ياخشى يېزىپسىلە ،
2016-11-26 14:46:17 oglan
bak kizzikarlik qikiptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ