ئ‍ەمدى

ئ‍ەمدى

 

 شادىيە مۇھەممەت

 

غەزەل

 

 يالۋۇرمايمەن ئ‍ەمدى كەتسەڭ كېتىۋە،

 سېغىنمايمەن ئ‍ەمدى كەتسەڭ كېتىۋە.

 ئ‍ېچىپ،چېكىپ راسا، نەلەردە قونساڭ،

 تۇسىمايمەن ئ‍ەمدى يۈرسەڭ يۈرىۋە.

 

 نەدە سەن،قېنى پۇل،خەجلىدىڭ نەگە،

سورىمايمەن ئ‍ەمدى خەجلىسەڭ خەجلە.

 قېنى موتۇر،بەردىڭ قاچان كىملەرگە،

مېنىڭ ئ‍ەمەس ئ‍ەمدى بەرسەڭ بېرىۋە.

 

 ياخشى قىزنى ئ‍ۇچراتساڭ،سۇن قولۇڭنى،

كۈنلىمەيمەن ئ‍ەمدى سۇنساڭ سۇنىۋە.

 ئ‍ۇتۇپ قالساڭ كۈڭلىنى،سۆي يۈرەكتىن،

 كۈنلىمەيمەن ئ‍ەمدى سۆيسەڭ سۆيىۋە.

 

 سېنى ئ‍ىزدىمەيدۇ كۆزلۈرۈم زىنھار،

 بۇ كۆزلەردىن ئ‍ەمدى يۈتسەڭ يۈتىۋە.

 سۇۋىدى يۈرەك ھەم تۇڭلىدى مۇزدەك،

يۈرەكتىن ئ‍ەمدى ئ‍ۆچسەڭ ئ‍ۆچىۋە .

 

2015-7-31

تۇرپان ئ‍ۈندىدار:2858034875





248 قېتىم كۆرۈلدى شادىيە مۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-31 15:56:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-6 10:13:46 ۋارىسجان
ئ‍اچا ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ مەن مەڭگۈ سىزنى قوللايمەن.
2015-8-1 12:21:50 mihrayy
bak yahxi yezliptu jumu yaraysan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ