مەڭگۈلۈك ئەسلىمە - بۇخەلچە سادىق سەلكىن

 مەڭگۈلۈك ئەسلىمە

بۇخەلچە سادىق  سەلكىن  

دەريا بويلاپ ھاردىم دىمەستىن ،
يەنە تاغقا چىقىنىڭ ھەيۋەت .
قولۇم تۇتۇپ ئاستا پەپىلەپ ،
ئ‍ويلىدىڭسەن مەڭگۇ گە ئەبەت.

دەريا قىنىدا ئ‍ولتۇردۇق بىللە، 
بىللە كەشتۇق دەريا سۇيىنى. 
خىيالىڭدا چىگىش بىرخىيال ،
ياڭراتقىڭ بار بەخىت كۇيىنى .

مۇھەببەتتە ھەقىڭ بار لىكىن ،
تەڭرى تاغنى تەشمىكىڭ قىيىن .
تاغ باغرىدا ئ‍ىزلىرىڭ قالغان ،
كىلەر سەنمۇ بىرەر رەت كىيىن .

قاش دەرياسى تىنىچ ئ‍اقمايدۇ ،
دولقۇنلىرى كۆردۇڭ بەھەيۋەت .
كىتەر بولساڭ ئ‍ەمدى يىراققا ،
ئ‍ۇنتالمايسەن مەڭگۇ گە ئ‍ەبەت .

ئ‍ىزنالىرىڭ دەريا بويىدا ،
سىڭىپ كەتتى دەريا سۇيىگە .
كەلمىكىڭنى سىغىنىپ بىرتاش ،
قوشار مۇڭلۇق ئازاپ كۇيىگە .

كەتكىنىڭدە ئ‍ارقاڭغا قارماي ،
جىمىدەكەت يۇركۇم تۇيمىسۇن.
شاماللارغا ئ‍يتاي مەن نالە ،
غىرىپ جايغا بىرىپ يەتكۇزسۇن .

بىلىپ قالدى سەزگۇ يۇكۇم ،
يۇركىڭنىڭ سوقىشلىرىدىن.
چاندۇرماستىن لەپىدە قاراپ ،
كۆزلىرىڭنىڭ كۇلىشلىرىدىن .

ھازىرگىنە كۆز ئ‍الدىڭدىمەن ،
خىيال قىلسەن قولۇم تۇتۇشنى .
دەريا بويدىن مەڭگۇ كەلمەستىن ،
بىلىق تۇتۇپ بىللە ئ‍ۆتۇشنى .

2016.9.15
     





37 قېتىم كۆرۈلدى salkin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 22:57:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ