گۈزەل ئۇيقۇ
رەيھانگۈل ئېزىز ئىزچىل
بېشى ۋە ئاخىرىنى پەيدا قىلغۇچى ،
زامانى ئېنىق بولمىغان تىنىقلار ،
تۈنۈگۈنى بىلەن ،
ھىچكىشىگە ئوقۇلدۇرماي ،
كۆڭۈلنىڭ ئارامىنى چاقىرماقتا .
شوخ كۆڭۈل شۇ پەيىتىدە ،
شەپە بېرەر شەلپەرگە ،
بۇ تىل بارالماس ،
ئەسكى تۇيغۇ مىنى ئەپ قاچ ،
پىنھانلىق قۇلۇمدىن تارتقىن تارىت !
ھىرىس بولغان نىدالار ،
ئەۋرىشىم ھاياجان ،
سېغار ھەرقاچان .
شىۋىرلار ھەربىر غارىدا ،
ئاڭلانماس بىر تىلدىكى ئاشىقلىق ،
مەندە ئۆزلۈك قايىتمايدىغان مۇردىدەك بىراق .
تۈن مۇھەببەتنىڭ چېچىدىن بىر تال ئۆزۋېلىپ ،
كۆرۈنمەسلىكنى ئەپ كەلگەندە ،
گۈل بەرگى يامغۇردەك ياغار .
نارسىسنى ئۆلتۈرگەن رەشىكلىكتىكى ھۆرىلەردەك ،
بىچارە يانتاق ئاقلىقتىن ئاستا قاچار .
بىر يان غەم بىر يان ئىشىق ،
قايسسىسى بولسا بۇلىۋېردۇ ،
بىر يان ئەلەم بىر يان غېرىپلىق ،
قايسىسى بولسا بۇلىۋېرىدۇ ،
مەيلى ھەركەتتىدۇر نەپەس شۇندا .
مىھىرلىك تىلەكلەر ،
ئۈزەر سامادا ،
سۈتتەك تەبەسسۇمدا ،
ھەر بىر مەمنۇنىيەتتە .
ئەڭ ئاخىردا يۇلتۇزلار نۇرى ئاستىدا ،
بىر جۈپ ئويغاق كۆز ،
كۈلەر يىراقتا .
| 29 قېتىم كۆرۈلدى | رەيھانگۈل ئېزىز ئىزچىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-2 23:33:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|