تۆھمەت قىلما ئ‍ۆتىنەي - رىزۋانگۈل (مودەن)

 تۆھمەت قىلما ئ‍ۆتىنەي
رىزۋانگۈل (مودەن)

كىم بولمىسا كەينىدىن شۇنى راسا غاجايسەن،
ئ‍ۇرۇشتۇرۇپ كاللىنى زادى ئ‍ارام تاپمايسەن.
غەيۋەت قىلىپ ھەمىشە قانداق پايدا كۆرگەنسەن؟،
يامان قىلىپ ياخشىنى ،تۆھمەت قىلما ئ‍ۈتىنەي.

ئ‍ادەم يەمدۇ ئ‍ېيتقىنە قېرىندىشى گۆشىنى،
قىزارمامدۇ يۈزلىرىڭ تۇقۇپ يالغان گىپىنى.
شاتلىنامسەن گۈناھسىز تۆكسە ھەردەم يېشىنى،
يامان قىلىپ ياخشىنى ،تۆھمەت قىلما ئ‍ۈتىنەي.

قىسقا شۇنچە بۇ ھايات مىھماندۇرمىز دۇنياغا،
قېرىنداش بىز ئ‍ۇنۇتما يۈزىمىز قالسۇن قۇيارغا.
ئ‍ىت ئ‍ەمەسسەن بىلىپ قال غاجاپ سۆڭەك تۇيارغا،
يامان قىلىپ ياخشىنى ،تۆھمەت قىلما ئ‍ۈتىنەي.
2016-يىل 30سىنتەبىر .مايتاغ
     





62 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-3 9:07:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ