قاچما قاچما (شېئىر) - تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

قاچما قاچما

ئاپتۇر: تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

يۈرەك سۆزۈم بار ئېيتاي،
يارىم مەندىن سەن قاچما.
ئــوتۇڭدا يار كۆيدۈرۈپ،
مېنى تاشلاپ سەن قاچما.

قـاچما قاچما قاچما يار،
مېنـى بۇنچە قىلما خار.
كۆڭۈل بەرمەي نىگارىم،
قىلما ئىچىڭ ئۇنچە تار.

كـۆيسەم ساڭا گۇناھمۇ،
چــاقچاقلىرىڭ بولارمۇ؟
بولما يارىــم باغرىتاش،
قەلبىم دەرتـكە تولارمۇ؟

قــارايىمــدىن يانمايمەن،
سـۆزلىرىمدىن تانمايمەن.
سۆيگۈ بەرگىن سەن ماڭا،
سـاڭا ھـەرگىز قانمايمەن.

2017.4.3

ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ[微笑]
ئىشلەتكۈۋىلەر ئالاقلىشىڭ  چچ   ئۈندىدار  1934220673
     





54 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 10:00:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ