قىزچاق
مەدىنە ئىبراھىم
ئاق لەيلى ئېچىلغان نويابىر كۈنى ،
رەڭ بېرىپ ئاقلىققا چىقتى بىر نۇقتا ،
جان كىرىپ مەڭگۈلۈك ماي بوياق رەسىم ،
يېقىنلاپ شۇ نۇقتا ئايلاندى قىزغا .
تۇراتتى يىراققا تىكىلىپ ئۇزاق ،
مۇڭ يېغىپ قاپقارا ئويچان كۆزىدىن ،
تەسەۋۇر مۇمكىنسىز ئىشىك چېكىشكە ،
پېچەتلىك دۇنياسى قىزچاق سۆزىدىن .
مۇرەككەپ ھېسلىرى چۇلغۇپ داۋامەن ،
قىينايتتى قىزچاقنىڭ مەسۇم دىلىنى ،
سۆيگۈنىڭ ۋارىقى ئېچىلماي بىر بەت ،
كىشەنلىك قۇلۇپقا ئايلاندى كۆڭلى .
توساتتىن نىشانسىز شىۋىرغان بىلەن ،
تەشۋىشتە قەدەملەر يۆتكەلدى ئاستا ،
ئۇزىدى كەلمەسكە ماي بوياق رەسىم ،
قېپ قالدى ئاق پېتى مۇزلىغان دۇنيا .
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | مەدىنە ئىبراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-24 11:43:12 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|