كەتسە كىتەر - تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

 كەتسە كىتەر
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)


كەتسە كىتەر ئۆزىنىڭ شورى،
قولۇڭنى تارىت يولىنى توسما.
ھەسرەتلەنمە قايغۇرما بۇنچە،
قاش كىتىدۇ قالىدۇ ئوسما.

كەتسە مەيلى تاكسى توسۇپ بەر،
ئايرىلغانغا ئۆلمەيدۇ كىشى.
ھايات بولسا كىلىدۇ قايتىپ،
پۇشايماندا ئاققاندا يېشى.

ئېچىۋەتتىم ئىشىكنى داغدام،
تېپىۋالسۇن مەندىن باشقىنى.
يوغان سۆزلەپ قىلمىسۇن جودا،
بەرىبىر ئۇ مەندىن ئاشقىنى.

ئەقىدەمگە قىلدىڭ خىيانەت،
تۇرالمىدىڭ بەرگەن ۋەدەڭدە.
ئۇنتۇپ كەتتىم كەچۈرگىن سىنى،
تىرىك تۇرۇپ ئۆلدۈڭ قەلبىمدە.

ئىگىسى بار ئادىل جاھان بۇ،
ئون بەش ئايدىڭ ئون بەش قارا تۈن.
خىيانەتچى ئاسىي كاززاپنىڭ،
تانابىنى تارتىدۇ بىر كۈن.

-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
-2016-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى
     





117 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-14 19:04:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-12 11:41:48 سابا0998
سىزنىڭ شىئېرلىرىڭىز شۇنچە يېقىملىق،لېرىكىلىق،بەك سۆيۈندۈم…بەك ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ