رەنجىشىم يوق - ئاندۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

رەنجىشىم يوق

 ئاندۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


 بەلكىم مېنى ھەممە نەرسە تاشلاپ كېتەر،
كۆزلەرىمنى قان ياشلاردا ياشلاپ كېتەر.
يەنە شۇنداق چۆللۈكلەرگە باشلاپ كېتەر،
شۇندىمۇ ھەم بۇ دۇنيادىن رەنجەشىم يوق.

مەن يىقىلسام قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشسىمۇ،
ئازار يېسەم چاۋاك چېلىپ كۈلۈشسىمۇ.
مەن ھازىدا ئۇلار مەشرەپ ئوينىسىمۇ،
بۇ دۇنيادا ئادەملەردىن رەنجىشىم يوق.

زاغىر ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يىيىشكەنلەر،
جۇدۇنلاردا بىر يېپىنچا تەڭ كىيىشكەنلەر.
لاي سۇلارنى دۈم يېتىپ تەڭ ئىچىشكەنلەر،
قانات قېقىپ كەتسە ئۇچۇپ رەنجىشىم يوق.

يارىم بىلىپ مەن يۈرەكتىن مېھىر بەرگەن،
ئازابىدا مەن ھەر قاچان يېنغا كەلگەن.
چىمەنلەردىن دەستلەپ گۈللەر تەرگەن،
ئۆزگىلەردىن تاپسا بەخىت رەنجىشىم يوق .

     





36 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 23:35:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ