ھەي ئايال (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 ھەي ئايال

مەمەتجان سەمەت


ياقامنى چىشلىدىم توۋا دەپ قاراپ.
قۇلۇڭدا كۆرۈپمەن شاراپ ھەي ئايال،
سوراپ باقاي بەرگىن ماڭا بىر جاۋاپ،
سەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەي ئايال.

ئەسلى زاتىڭ نېمە زادى سېنىڭكى،
يوق ئىدىغۇ سەندەك خەلقىم مېنىڭكى.
ھەيران قالدىم كۆرۈپ قىلغان ئىشىڭنى،
سەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمىۇ ھەي ئايال،

يات ئەللەرنى دوراپ تېخى بەسلىشىپ،
قاۋاقلاردا ئىچىپ چېكىپ سەتلىشىپ.
ئاياللارنىڭ شەنىگە تاغ تەككۈزۈپ،  
سەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەي ئايال.

نۇمۇس قىلماي تارقىتىپسەن رەسمىڭنى،
ئويلاپ باقماي سەن ئۆزۈڭنىڭ تەكتىنى.
يوقۇتۇپسەن ھايۋان كەبى ئەقلىڭنى،
سەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەي ئايال.

ياراشمايتى ئۇنداق ئىشلار ئايالغا،
پۈر كەتتىغۇ نامىڭ پۇتۇن جاھانغا.
بەك ئېچىندىم قاراپ سېنىڭ ھالىڭغا،  
سەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەي ئايال.

ئاتا. ئاناڭ كۆرسە نېمە دەپ قالار،
يا نەزرىڭدە يوقمۇ پەقەت باشقلار.
ئويلىساملا نەپرىتىم ساڭا تاشار،
سەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەي ئايال.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





280 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-11 17:34:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ