سۆيگۈ شەربىتى
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )
مەن جىمجىت خىياللار سۇردۇم،
ئىچىرە ئاران سىنى غۇۋا كۆردۇم.
قولۇم يۇزۇڭنى سىلىماق بولدى،
يۆتكەلمەس پۇتۇم قىينىلىپ سۈردىم.
نە ھەركەت نە تىنىق يوق ئىدى مەندە،
كەتمە يىراق دىدىميۇ كۆزلىرىم نەمدە.
خىياللىم قاياقلارغا ئۇچتى بىلمىدىم،
زەئىپ بولدۇم جان يوق، ئەزىز تەندە.
ئەتراپىمغا قاراپ قالدىممەن ھەيران،
ئاشخانىدا،ئۇستەلدە تاماقلار ۋەيران.
ئالدىمدا تامىقىم تۇگمىگەن تىخى ،
مۇھەببەتنىڭ ئوتى قىلدىغۇ سەرسان.
تاماقنى ئىسىق يىمەي سەيلىرىم قاتقان،
ئۆزۇممۇ سەزمەيلا خىيالغا پاتقان.
ياشلىقنىڭ باشلىنىشى ئاساۋ ئاتتەك،
قەۋەتلەپ ئازاپنى يەتكىچە تارتقان .
بولدى قىل يۇرەگىم ئۆزۇڭنى بىسىۋال،
خىياللارنى تاشلاپ بىردەم يىتىۋال.
شىرىن ئارزۇ ئارمانىڭغا يىتىش ئۇچۇن،
سۆيگۇ شەربىتىگە تويۇپ قىنىۋال.
تەنھا تۇرنا
70 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-25 15:26:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|