سەنلا بار ئىدىڭ (شېئىر) - ئەسقەر قۇربان ئىقبال

بار ئىدىڭغۇ سەنلا بار ئىدىڭ
ئەسقەر قۇربان ئىقبال

بار ئىدىڭغۇ سەنلا بار ئىدىڭ ،
يۈرۈكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا .
سەن يۈرۈيسەن ئەمما بىپەرۋا ،
قىيناپ مېنى سۆيگۈ ئوتىدا .

بار ئىدىڭغۇ سەنلا بار ئىدىڭ ،
ھەركۈن مېنىڭ خىياللىرىمدا .
مەن ئىنتىزار بولساممۇ شۇنچە،
ئويلىمىدىڭ پەقەت زادىلا .

بار ئىدىڭغۇ سەنلا بارئىدىڭ ،
سەن بولغاچقا كۆڭلۈم ئىدى شات.
بەرسەڭ ئەگەر سۆيۈشكە ئىمكان،
شۇنچە گۈزەل بىلىنەر ھايات ،

بار ئىدىڭغۇ سەنلا بار ئىدىڭ ،
كۆيگىنىمنى پەقەت بىلمىدىڭ .
ئۇيۇن چاغلاپ مۇھەببەتنى سەن ،
پاك سۆيگۈنى ئەجەپ خارلىدىڭ .

ئاقسۇ -كەلپىن
2017.3.18 





144 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 7:00:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-1 22:54:17 ئىلھامجان
ياخشى يېزىپسىز ساۋاقدىشىم ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتتە سىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن 🌺🌺🌺🌺
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ