خاتىرەمدىن ئۆچۈردۈم سېنى (شېئىر) - ​تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن

خاتىرەمدىن ئۆچۈردۈم سېنى
تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن

مېھرى   ۋاپا   ئىشەنچ   بەرمىگەچ ،
سەن دىلدىن راسىتچىل كۆيمىگەچ.
مىسكىن دىلىم  شادلىق كۆرمىگەچ،
خاتىرەمدىن  ئۆچۈردۈم  سېنى.

ھىجران  ئازاب  كەلگەچ  يۈرەككە،
ۋاپاسىز يايرىم  كۆيگەچ   بۆلەككە.
مەن  يەتمىگەچ  ئارزۇ  تىلەككە،
خاتىرەمدىن  ئۆچۈردۈم  سېنى.

بەرمىدىڭ  ماڭا  ساداقەت  ۋاپا،
نازۇك  يۈرۈككە  سالدىڭ  جاپا.
شىرىن  سۆزمۇ  بولمايدۇ  داۋا،
خاتىرەمدىن ئۆچۈردۈم سېنى.

كەچۈر دېدىڭ نەچچە رەت ماڭا،
كەچۈرگەن ئىدىم قىلمىدىڭ پەرۋا.
كۆڭلۈم سوۋۇغاچ ۋاپاسىز  ساڭا،
خاتىرەمدىن ئۆچۈردۈم سېنى.

خازان بولدى ياشلىقىم بەختىم،
دەرتكە تولدى غۇبارسىز قەلبىم.
توزىدى كەتتى ئېچىلماي گۈلۈم،
خاتىرەمدىن ئۆچۈردۈم سېنى.


شېئىر ئاپتورى.باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت  قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ
رۇخسىتىسىز ئىشلەتمەڭ ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇر بىلەن ئالاقلىشىڭ
ئاپتۇر ئۈندىدار تېلفۇن   13150331763
     





44 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 8:14:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ